باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

رۇسىيەلىك كۈچتۈڭگۈر ئايال ئۆزىگە قوپال تەگكەن ئەرنى قالتىس ئەدەبلەپ قويدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-31 12:40 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەلۇم بىر سىندا كۆرستىلىشچە، بىر ئەر شوپۇر سىبېرىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئايالنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق تاياق يېگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇ ئەر شۇ ئايالنىڭ سودا سارايدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى ئورنىنى تارتىۋالغان.

ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى ئوكاسانا لياۋۋا سىكوتىيا بۇ ئەرنى ماشىنىدىن تارتىپ چىقىرىپ، مۈرىسىگە ئارتقىنىچە، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقا زاپاس ساندۇقىغا «سولاپ» يەنە تېخى ئۇنى بىر تەپكەن ئارقىدىنلا ماشىنىنى ھەيدەپ، مەيداندىن ئايرىلغان ھەمدە ئۇنى يول بويىغا تاشلاپ قويغان.

ئوكاسانا لياۋۋا سىكوتىيانىڭ سىبېرىيەدە خېلى داڭقى بولۇپ، ئۇ دائىم سۆرەش ماشىنىسى، تىرامۋاي ۋە تىك ئۇچارلاردا ماھارەت كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇ ئارتېم ئىسىملىك شوپۇرنىڭ تۇيۇقسىز تورمۇز تۇتۇپ قايرىلىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ماشىنىسىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغىلا توختاتقاندا، قاتتىق غەزەبلەنگەن.

ئارتېمنىڭ دوستى بۇ سىننى تارتىۋالغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار دوستىنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان پۈتكۈل جەرياننى خاتىرىلەۋاتقان ئىكەن.

سىكوتىيا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش بەكلا تۇيۇقسىز يۈز بەردى يەنە كېلىپ تۇنجى قېتىم بۇنداق ئىشقا يولۇققاچقا، ئۇ ئالدىمدىلا قايرىلىغاندا ئۇنىڭغا نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن، بىز ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا دېدىم» ئارقىدىن ئۇ بىر نېمىلەرنى غودۇراپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىغاچقا، ماشىنىدىن چۈشۈپ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولدۇم، كېيىن ئۇ مەن بىلەن تاكاللىشىشقا باشلىدى.

ئۇ يەنە ئەر شوپۇرغا: «سەن قانداق ماشىنا توختىتىشنى ئۆگەنسەڭ بولغۇدەك، يېنىڭدا بالا تۇرسا، نېمىشقا بۇنداق خەتەرلىك ھەرىكەتنى قىلىسەن» دېگەن.

سىكوتىيا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقۇسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭ ئۇنى ئۇرۇش خىيالىم يوقتى، پەقەت بىر ئەدەپلەپلا قوياي دېگەن. مەن بىر ئايال كىشى، ئۇرۇشۇش ماڭا ياراشمايدۇ» دېدى. ئۇ ئارتېرىمنى نەق مەيداندىن ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە ئۇنى 100 مېتىر يىراقلىقتىكى جايغا تاشلاپ قويغان.

ئىزا-ئاھانەتكە قالغان ئارتېم كېيىن «ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى» دېدى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قول قايتۇرمىغانلىقىنى، چۈنكى سىكوتىيانىڭ بەدەن چېىنقتۇرۇش ئۆيىدە مەشىق قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ يىل يانۋاردا نۆلدىن تۆۋەن 21 سېلىتسىيە گىرادۇستا سىكوتىيا ئېغىرلىقى 36 توننا كېلىدىغان ئىككى تىرامۋايغا لىققىدە قاچىلانغان خېرىدارنى سۆرىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ يەنە 16 توننىلىق يۈك ماشىنىسىنى سۆرىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ༺Sྂαฟ༏྆༩ོ ༄4 ئاي ئىلگىرى

    ۋېديۇسنې ، مەن قويدۇمغۇ ، تور ياخشې ئەمەس ئوخشايدۇ سېلەنېڭ ، مەن قۇيساملا چېقتې ..

  • ئەمەس ئەمەس6 ئاي ئىلگىرى

    يەنە بىر ئىش تەۋسىيە قىلىنىپ كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مەيلى قايسىنى باسسۇن بىرلا خەۋەر چىقىدىكەن. رەھمەت ، جاپا چەكتىڭلار !

  • ئەمەس ئەمەس6 ئاي ئىلگىرى

    ھە ، شۇ ، مۇشۇ ئىشنىمۇ بىر تۈزىتىڭلار، ۋىدىئوسىنى قويغىلى بولمىدى.بۇرۇن باشقا تور كۆرگۈچتىن چىقارساق چىقاتتى ھازىر ئۇ يەردىمۇ چىقمايدىغان بولىۋالدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号