باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

ئامېرىكىدىكى ئاكا-ئىنى ئىككىيلەننىڭ ئېغىرلىقى 1200 جىڭدىن ئېشىپ كەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-31 12:22 0 ئىنكاس چۈشتى

< كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن سىتىۋىن ئاسسانتى (StevenAssanti) نىڭ ئېغىرلىقى 749 قاداق (تەخمىنەن 680 جىڭغا تەڭ) قا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ 27 ياشقا كىرگەن ئىنىسى جاستىننىڭ ئېغىرلىقى 600 قاداق (تەخمىنەن 544 جىڭ) قا يەتكەن، جاستىن بىلەن سىتىۋىن ئىككىسى ئاكا-ئىنى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ تەن ئېغىرلىقىنى قوشقاندا 1200 جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ دادىسى بۇ ئاكا-ئىنى ئىككىسىنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ماشىنا ئۆيدە 38 سائەت يول يۈرۈپ تېكساس شىتاتى خىيۇستوندىكى ئورۇقلاش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن.

گەرچە ئاكا-ئىنى ئىككىسىنىڭ <ئەخلەت يېمەكلىك> يېيىشنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق قىزىقىشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنچە بەك ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئىككىسى ياخشى چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ. ئاكا-ئىنى ئىككىسى دادىسىدىن قانداق قىلىپ يەيدىغان نەرسە ئېلىشنىڭ چارىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بۇ ئاكا-ئىنى ئىككىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دادىسىنى ھەر خىل ئامال-چارىلەرنى ئىشلىتىپ ئالداپ ئۆزلىرىگە ئەخلەت يېمەكلىك ئالدۇرغان.

ئۇلارنىڭ دادىسى ئاكا-ئىنى ئىككىسىنىڭ تەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى ئويلايدىغان بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئىرادىسى چىڭ بولمىغانلىقتىن بەل قويۇۋىتىپ كەلگەن. TLC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <مېنىڭ 600 قاداقلىق ھاياتىم> ناملىق پىروگراممىسىدىمۇ، دادىسىنىڭ سىتىۋىنغا بىر مەزگىل يەيدىغان نەرسە بەرمەي، كېيىن يەنە چىداپ تۇرالماي يەيدىغان نەرسە بېرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جاستىن بىلەن سىتىۋىن ناھايىتى قالايمىقان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئۇچىغا چىققان ھاراقكەش، دادىسى بولسا ئاچچىقى يامان ئادەم ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق داۋالغۇپ تۇرغان تۇرمۇش مۇھىتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىچىكىدىن تارتىپلا يېمەكلىكتىن تەسەللىي ئىزدەپ كەلگەن. ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل چارە-ئاماللارنى ئويلاپ تاپقان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号