باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

ئارىزونا ئىشتاتىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز يالغۇز بىنانىڭ باھاسى 10 مىليونغا تۆۋەنلىتىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-01 13:08 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 1-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىغا جايلاشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز يالغۇز بىنا يېقىندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى باھاسى 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن) قىلىپ بېكىتىلگەن. 

بۇ بىنانىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 38 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 10 قەۋەت، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 576 كىۋادرات مېتىر، 3 ياتاق ئۆيى ۋە 4 مۇنچىسى بار. ئۆينىڭ تورۇس ۋە تاملىرى ئەينەك بولغاندىن باشقا، يەنە سۇيۇقلۇق بېسىملىق لىفىتتىن بىرى بار بولۇپ، بىنا ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى بۇ بىناغا 2 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 19 مىليون 290 مىڭ يۈەن) باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم چىقىرىلغان باھانى كۆپ «ئېتىبار» قىلغانلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号