باش بەت

پەرىدە

293يوللانما
1مەستانە

16 ياشلىق قىز زارىقىپ كۆرۈشكەن تور رىياسەتچىسى كۆرۈمسىز پەتەك ئەر بولۇپ چىقتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-01 16:14 0 ئىنكاس چۈشتى

3-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 8:00 لەردە، جياشىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىڭكەي تارماق ئىدارىسى چېڭشى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ خەيخوڭ بىر دېلونى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، جياشىڭدا ئىشلەيدىغان ئەنخۇيلىك گاۋ xx ئۆيىدىكى ئىشكاپقا قويۇلغان 19 مىڭ يۈەننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ساقچىلار تېزلىكتە گاۋ xx نىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، گاۋ xx نىڭ ئۆيى 12-قەۋەتتە بولۇپ، نەرسىلەرنى ئاختۇرغان ئىز يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى. گاۋ xx نىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئايالى جۇ xx نىڭ يانفونىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن بىۋاستە كۆرسىتىش خاتىرىسىنى، يەنە پۇل ئەۋەتكەنلىك ئۇچۇرلىرىنى بايقىدى. بۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىغاندا جۇ xx ئاخىرى ھەممىنى ئىقرار قىلغان.

جۇ xx نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ يولدىشى بىلەن يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ توي قىلغان ھەمدە بالىلىق بولغان. بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار جياشىڭغا كېلىپ ئىشلىگەن. گاۋ xx سىرتتا ئىشلىگەن، ئايالى جۇ xx ئۆي ئىشىلىرىنى قىلىپ بالىغا قارىغان. جۇ xx  ئۆي ئىشلىرىدىن زېرىكىپ، يانفونىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش دېتالىنى ئېچىپ مەزمۇنلارنى كۆرگەن. بىۋاستە كۆرسىتىش بېرىدىغان ئەر رىياسەتچىلەر ئىچىدىكى بىرى ناھايىتى «كېلىشكەن» بولۇپ، جۇ xx ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشلىرىنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ، يولدىشى بەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇلار نەۋرە ئاكىسى ۋە يەڭگىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولۇپ، بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە نەۋرە ئاكىسىنىڭ پۇلىنى ئىشكاپقا قويىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان. جۇ xx نىڭ «كېلىشكەن» رىياسەتچىگە ئەۋەتىدىغان پۇلى قالمىغاچقا، نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئىشكاپىدىن بىر قېتىمدا 9000 يۈەن، يەنە بىر قېتىمدا 10 مىڭ يۈەننى ئوغرىلىغان.

«كېلىشكەن» ئەر رىياسەتچى پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن جۇ xx كە دىققەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بەرگەن. جۇ xx يەنە رىياسەتچىگە 600 يۈەن قىزىل بولاق ئەۋەتكەن. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، رىياسەتچى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭۋەن شەھىرىدىن مېتروغا ئولتۇرۇپ جياشىڭغا كەلگەن. ئىككىسى كۆرۈشكەندىن كېيىن جۇ xx ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن. چۈنكى رىياسەتچى ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق «كېلىشكەن» بولماستىن، ئەكسىچە بويى پاكار، ھەم قارامتۇل ئىدى. جۇ xx رىياسەتچى بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىپ كەلگەن كۈنى كەچتە قولغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ بالىسى تېخى ئانا سۈتىدىن ئاجرىمىغان بولغاچقا، بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

ساقچى تەرەپ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىۋاستە كۆرسىتىلىدىغان مەزمۇنلار ناھايىتى ئاۋات، رىياسەتچىلەر ئادەتتە گىرىم قىلغاچقا ھەمدە ئاپتوماتىك گۈزەللەشتۈرۈش تېلكامېراسىدا سىنغا ئالىدىغان بولغاچقا، كۆرگۈچىلەرنى ئاسانلا جەلپ قىلىدۇ. جۇ xx كە ئوخشاش بايلىق قارىشى مۇكەممەل ئەمەسلەر ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号