باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
36مەستانە

چېخ 100 يىل بۇرۇنقى پىۋىنى بايقىدى، تەمى ھازىرقى پىۋىغا ئوخشامدۇ؟

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-02 12:24 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پىۋا زاۋۇتى يېقىندا قايتا قۇرۇۋاتقاندا تەخمىنەن 100 يىل بۇرۇن ئېچىتىلغان ئۈچ بوتۇلكا پىۋىنى بايقىغان. بىر ئەسىر بۇرۇنقى پىۋىنىڭ تەمى ھازىرقى پىۋا بىلەن ئوخشاشمۇ؟ پايتەخت پراگادىكى ھاراق ئېچىتىش ۋە ئارپا ئۈندۈرمىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇزاق يىل ساقلانغان بۇ كونا ھاراقتىن بىر يۇتۇم ئىچتى، ئاندىن ئەسۋابتا ھاراق تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىبنى تەھلىل قىلدى.

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 30-مارت ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى نەقىل قىلىشىچە، بىرىنچى بوتۇلكا پىۋىنىڭ «تەمى سۇس» ئىكەن، ئۇنىڭدىن ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋە زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغنىڭ DNAسى تەكشۈرۈلگەن؛ ئىككىنچى بوتۇلكا پىۋا سەل چۈچۈمەل بولۇپ، باكتېرىيە DNAسى تەكشۈرۈلمىگەن، لېكىن بىر قانچە خىل ئېچىتقۇ تەركىبىنىڭ DNAسى تەكشۈرۈلگەن؛ ئۈچىنچى بوتۇلكىدىكىسى سەل قىرتاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن باكتېرىيە ۋە ئېچىتقۇنىڭ DNAسى تەكشۈرۈلگەن، پەقەت ئۈچىنچى بوتۇلكىدىكىسىلا ھازىرقى پىۋىنىڭ تەمىگە ئوخشاش ئىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتتا يېزىشىچە، بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئادەملەر ئېچىتقان پىۋىغا ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىيال ۋە ئېچىتىىش ئۇسۇلى ھازىرقىغا ئوخشاش ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号