باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

14 ئادەم بۇۋانە ئوتىدا پىشۇرۇلغان گۆشتىن زەھەرلىنىپ، 2 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-03 12:11 0 ئىنكاس چۈشتى

يۈننەن تورى 2-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن چۇشيۇڭ شەھىرى يۈەنمو ناھىيەسى خۇاڭگۇايۈەن بازىرى نيۇجيې كەنتىدىكى فېڭ شاۋخۇا ئائىلىسىدىكىلەر بىرلىكتە بۇۋانە ئوتىدا گۆش پىشۇرۇپ يەپ، 14 ئادەم زەھەرلەنگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن يۈەنمو ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دەرھال ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، زەھەرلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە رەھبەرلىرى زەھەرلەنگەنلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ھادىسىدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە پۈتۈن يۈەنمو ناھىيەسى دائىرىسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ زەھەرلىك دورا-ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتىشنى تۈگىتىش، زەھەرلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 18:40 قا قەدەر زەھەرلەنگەن 12 ئادەمنىڭ ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، داۋاملىق كۆزىتىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا قالدۇرۇلغان، قازا قىلغان 2 ئادەمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىۋېتىپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号