باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

كوكا كولا شىركىتى جۇڭگودا سېتىلىدىغان يېڭى كولانىڭ قۇتىسىغا باففېتنىڭ سۈرىتىنى باسىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-04 13:25 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 4-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كوكا كولا شىركىتى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ۋاررېن باففېتنىڭ سۈرىتىنى جۇڭگودا سېتىلىدىغان گىلاس تەملىك كولانىڭ قۇتىسىغا بېسىشنى قارار قىلغان.

كوكا كولا شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا گىلاس تەملىك كولانى جۇڭگو بازىرىغا سالغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تور بېكىتىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، باففېتنىڭ سۈرىتى بېسىلغان كولا قەرەللىك ھالدا تەمىنلەپ تۇرۇلىدىكەن. ئۇلار يەنە باففېتنىڭ جۇڭگودا ناھايىتى چوڭ ئابرويغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ باففېتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باففېتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەبلەغچىلىك شىركىتى بېركشىر خاساۋېيدا كوكا كولا شىركىتىنىڭ %9.3 پېيى بار بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن باففېتنىڭ ئىچىملىك ماگناتى كوكا كولا شىركىتىنىڭ مۇھىم پايچېكلىرىدىن بىرى بولۇپ تۇرىۋاتقىنىغا 25 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپتە بۇ شىركەتكە سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.

باففېت يەنە بۇ شىركەتنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى تەخمىنەن 5 قۇتا كولا ئىچىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ئۇنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا كولا ئىچكەنلىكىنى دائىم ئۇچرىتىپ قالىدۇ.

كىشىلەر شېكەر قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنىڭ سالامەتلىككە تەسىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقاندا، ئومۇمىي مال-مۈلۈكىنىڭ قىممىتى 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان باففېت كوكا كولانى ئاقلاشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. بېركشىر خاساۋېي شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى پايچېكلار يىللىق يىغىنىدا ئۇ كولا ئىچىشتىن كەلگەن خۇشاللىقنىڭ سەي-كۆكتات يېگەندىكى ساغلاملىق ئۈنۈمىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

باففېت: «ھېچقانداق نەرسە ناۋادا مەن سۇ ئىچىپ، چېچەكسەي يېسەم 100 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش مۇمكىنچىلىكىمنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلمەيدۇ» دېگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号