باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

بېرمىنىڭ مەگۋېي شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىغا ئوت كېتىپ، 15 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-04 13:26 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 4-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېرما تەشۋىقات تور بېكىتى 3-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 10:30 لار ئەتراپىدا مەگۋېي شەھىرىدىكى KTVلىق ئاشخانىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتا تاماق يەپ، كۆڭۈل ئېچىۋاتقان مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوت يالقۇنىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن قېچىشقا ئامالسىز قالغان. شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە گەرچە ئوتنىڭ ئەھۋالى ۋاقتىنچە كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 11 ئەر، 4 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە، ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئاشخانىغا ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاپ، ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号