باش بەت

تەشۋىقاتچى

61يوللانما
1مەستانە

ئىلىم-مەرىپەت، تەنتەربىيە ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ساخاۋەتچى - ئابدۇسالام ئەبەيدۇللا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-05 16:33 0 ئىنكاس چۈشتى


فىلىمنى قويۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇڭ !

فىلىم ئادېرىسى : https://v.qq.com/x/page/o0390pg2v84.html

مائارىپ، ئىلىم-مەرىپەت نادانلارنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ ئۇلارغا نۇرلۇق ماياك بولسا ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئۇ بىباھا گۆھەردۇر، ئەينى يىللاردا مەلۇم سەۋەبلەردىن ئوقۇشسىز قالغان بولسىمۇ ئەمما ئىزچىل مائارىپنىڭ ھۆرمىتىنى، قەدرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ساخاۋەت ئىگىسى ئۈرۈمچى سەخى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇسالام ئەبەيدۇللا ئەپەندىنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدەك مائارىپ-مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنى ئەلگە تونۇشتۇرۇش ۋە قىلغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى توغرا كۆردۇق. 


2014-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار 32 نەپەر قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان، 2015-يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ  مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئىقتىسادىي-ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلىپ سەخى پۇتبول كوماندىسىنى ئايرىم-ئايرىم گۇاڭخۇ، ئۈرۈمچى، ئاتۇش، شىخو، بورتالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ ئايرىم-ئايرىم چېمپىيونلۇق، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ غۇلجا  شەھىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى.

يۇقىرىقى مۇسابىقىلەردە سەرخىل كىچىك ماھىرلاردىن گۇاڭجۇ فۇلى پۇتبول مەكتىپى 10 نەپەر ئوقۇغۇچى ھەقسىز ئوقۇشقا تاللاندى، ئۇنىڭدىن باشقا 7 نەپەر ئوقۇغۇچى شىنجاڭ كوماندىسىغا تاللىنىپ دۆلەت تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە ھېسابلىنىدىغان- 14 نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ ئۈچۈن شان- شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان ياراملىق ماھىرلار قاتارىغا قوشۇلدى.

ئابدۇسالام ئەبەيدۇللا ئەپەندىمۇ  مۇشۇ خىزمەتلىرى بىلەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى.

ئابدۇسالام ئەبەيدۇللا ئەينى يىللىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇيالماي قالغانلىقى شۇنداقلا تىجارەت قىلىش جەريانىدا ئوقۇشسىز قالغانلىقىنىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتقانلىقى ئۈچۈن مائارىپ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ 7-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 100 بالىنىڭ ئوقۇشىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلغان. 

ئۇلاردىن سىرت مەكتەپ كوماندىسىدىكى 35 نەپەر ماھىرنىڭ قىشلىق مەشىقى ئۈچۈن بىر يۈرۈشتىن قىشلىق مەشىق كىيىمى، قىشلىق تەنتەربىيە چاپىنى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قىشتا مەشىقنى ياخشى قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا ئوقۇشتىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىغاندىن سىرت ھەر بىر سىنىپقا بىردىن ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ ۋە شۇنداقلا پەي توپ قاتارلىق تەنتەربىيە قوراللىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقاردى.

 2017-يىلى 1-ئايدا بايىنغولىن ئوبلاستى قارا شەھەر ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ گەرچە بىر ناھىيەدىكى مەكتەپ كوماندىسى بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ۋە قوللاش مەقسىتىدە قارا شەھەر ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ 12500 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىپ ئۇلارغا كۆڭلىنى بىلدۈردى.

2017- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن باياۋان لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇرپان، قاراماي، بورتالا قاتارلىق شەھەردىن كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارغا مۇكاپات بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىپ ئۇلارغا ئىلھام بەردى.

يېقىندا غۇلجا ناھىيە دولان دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ 15 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئىقتىساد چىقىرىپ ئۇلارنىڭ  ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى غۇلجا شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ (مەكتەپ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاشكارىلانمىدى) قىيىنچىلىقى بار 100 نەپەر ئوقۇغۇچىسىغا 20 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى خاتىرجەم داۋام قىلىشىغا كۈچ چىقاردى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号