باش بەت

نۇسرەتگۈل

7740يوللانما
110مەستانە

نيۇيوركتىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇش مودېللىرى كۆرگەزمە قىلىندى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-06 22:11 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 6-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇش مودېللىرى، مەسىلەن شەھەر، تەبىئەت مەنزىلىرى ۋە ئەل ئارىسىدىكى ئاجايىباتلار كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 4552 كىۋادرات مېتىرغا، ياسىلىش باھاسى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 276 مىليون يۈەن) يەتكەن. بۇ كۆرگەزمىخانىغا جوناسان سىۋىفىتنىڭ «گۇللىۋېر ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن ھېكايىسىنىڭ نامى قويۇلغان.

دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشقا ناھايىتى كۆپ چىقىم كېتىدۇ. بىراق، ھازىر سىز بۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق بروكىلىن كۆۋرۈكى، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى، مىسىردىكى ئەلئېھرام ۋە جۇڭگودىكى زىجىنچېڭلارنى، شۇنداقلا تاجماھال مەقبەرىسى، مەككە، نىكاراگۇئا شارقىراتمىسى، رىئودى ژانېيرودىكى قۇتقۇزغۇچى ھەيكىلى قاتارلىقلاردىن ھوزۇرلىنالايسىز.

كۆرگەزمىدە بۇ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ مودېللىرىدىن باشقا، يەنە قىزىقارلىق كۆرۈنۈش ۋە مودا بولغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرى، مەسىلەن سانت پېتىربۇرگدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى، نيۇيوركنىڭ مانخاتتون رايونىدىكى جىددىي قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ئىش بېجىرىش جەريانلىرى نامايان قىلىنغان.

بۇ كۆرگەزمىخانا 5-ئاينىڭ 9-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号