باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

تۇنجى قېتىم بالىسىنى بالىلار باغچىسىغا ئاپارغان دادا خاتا ئاپىرىپ قويدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-07 22:04 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىدە بىر دادا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بالىسىنى باغچىغا ئېلىپ باردى، نەتىجىدە بالىنى ئاپارغاندىن كېيىن ھېچنېمىگە قارىماي ئالدىراش كېتىپ قالدى. بالىسى ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا قالغان بولۇپ، يىغلاپ جېدەل قىلمىدى. ئاخىرىدا بالىلار باغچىسىدىكى مۇئەللىم بالىنىڭ بۇ باغچىدا ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىدى… تورداشلار مۇلاھىزە قىلىشىپ مۇنداق دېيىشتى: بالام سىزنىڭ دادىڭىز يالغانكەن.

بالىلار باغچىسىدىكى شۇ مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە سەھەر سائەت 7:15 ئۆتكەندە ئۇ باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرگە بالىلار باغچىسىنىڭ ئىشىكىدە بالىلارنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، بىر ئەر بالىسىنى ئېلىپ كىرگەن، ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا خەيرىلىك سەھەر دېگەندىن كېيىن، بالىنىڭ دادىسى كېتىپ قالغان ئىكەن. شۇ مۇئەللىم بۇ بالىغا مەسئۇل ئەمەس بولۇپ، ئۇ باشقا مۇئەللىملەردىن سورىغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ بۇ بالىغا مەسئۇل ئەمەسلىكى، بۇ بالىنىڭ ئۇلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئەمەسلىكىنى بىلگەن.

بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دەرھال بالىلار باغچىسىغا كېلىپ بالىنى كۆرگەن. يېقىن ئەتراپتا خېلى كۆپ بالىلار باغچىسى بولغاچقا، بالىنىڭ دادىسى بالىنى باغچىغا خاتا ئەكېلىپ قويغان ئىكەن. ساقچىلار بالىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ ئەتراپتىكى بالىلار باغچىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرگەن، ئاخىرىدا 500 مېتىر يىراقلىقتىكى يەنە بىر بالىلار باغچىسىدىن بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى تاپقان، ھەمدە بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئەسلىدە بالىنى ئىلگىرى مومىسى باغچىغا ئاپىرىدىكەن، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى دادىسى تۇنجى قېتىم بالىنى باغچىغا ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ پەقەت بالىلار باغچىسىغا يانداش كوچا ئېغىزىنى بىلگەچكە، نەتىجىدە بالىنى باشقا بىر باغچىغا ئاپىرىپ قويغانىكەن.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号