باش بەت

ئوغلان0996

2995يوللانما
18مەستانە

ئىناق ۋە گۈزەل نىكاھ مۇنداق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-07 23:06 0 ئىنكاس چۈشتى

مۇھەببەت بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنىڭ ئادىتىنى ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلى بىرى يەنە بىرىنىڭ ئادىتىگە كۆنۈش دېمەكتۇر.

بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئەرنىڭ خورىكىگە كۆنۈپ قېلىشى، ئەرنىڭ خورەك ئاۋازىنى ئاڭلىمىسا ئۇخلىيالمىغان دەرىجىگە يېتىشنىڭ ئۆزى مۇھەببەت.

بىر ئەرنىڭ يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى، ئەركىلىشى، يولسىزلىق قىلىشى، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشلىرىگە كۆنۈپ قېلىشنىڭ ئۆزى مۇھەببەت.

سىز بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى ئادىتىگە كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز بۇ ھالدا سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىز

بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئادىتىنى دەپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى، مادار قىلىشى مۇمكىن، مانا بۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت. مۇھەببەتنىڭ پەلسەپىسى بەزىدە مانا مۇشۇنداق ئاددىي بولۇپ، ئۇ تۇرمۇش تامچىلىرى ئىچىدە بولىدۇ. بەختلىك نىكاھنى بەرپا قىلىدىغان ئادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈش، ئائىلىنىڭ،مۇھەببەتنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم ئامىل. ئۇنداقتا قانداق ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر؟ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئادەتنىڭ ئىجابىي تەسىرى چوڭ.

بىرىنچى ئادەت: قارشى تەرەپنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ماختاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

ماختاشنىڭ ئاجايىپ پايدىسى شۇكى، ئۇ قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرىدۇ. قارشى تەرەپنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈپ بەرگەندە ئۇمۇ سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى،ئالاھىدە تەرىپىڭىزنى تېپىشقا،رىغبەتلەندۈرۈشكە،ماختاشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، بارا بارا شۇنداق قىلىشقا كۆنۈپ قالىدۇ.

ئەر-ئاياللار مۇھەببەت قاينىمىغا ئەمدىلا چۆككەن مەزگىللىرىدە مۇقەررەر ھالدا بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختىشىدۇ. مۇناسىۋەتنىڭ چىڭىشىغا ئەگىشىپ ئەڭ دەسلەپكى ھارارەت سەل تۆۋەنلىگەندىن كېيىن،ئۇلارمۇ بۇنداق ئىشنى ئاز قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىككەيلەن گەرچە بىر بىرىگە ئاۋۋالقىدەكلا ئاشىق بولسىمۇ، بىراق ئەمدى قارشى تەرەپنى كۈلۈپ تۇرۇپ ماختايدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپلەرنى قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەردە چىن يۈرەكتىن چىققان ماختاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كەم بولىدىغان بولسا،ئۇ ھالدا ئەڭ دەسلەپكى ماختاشنىڭ ھەر ئىككىيلەنگە بەرگەن گۈزەل تەسىراتى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭدىن بىۋاسىتە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتى سۇسلىشىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپنى كۆپ رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنى ماختاشقا ئەرزىيدىغان بىر ئوبىكىت قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەلۇم بىر خۇسۇسىيەتكە، بولۇپمۇ ئەرلەر پەخىرلىنىدىغان يەنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدار، باشقىلارغا تېخى مەلۇم بولمىغان نازۇك خۇمار ھەۋىسى، ھەتتا ساغلام ۋە يارىشىملىق قىممىتىگە ھېرىس ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.

ئىككىنچى ئادەت: نېمە تەلىپىڭىز بولسا ئۇدۇللا ئېيتىۋېرىڭ

مالىن ئېرىنىڭ ئۇخلاش ئالدىدا ئۆزىنى قۇچاقلاپ قويمايلا ئۇخلىشىدىن ئەڭ بىزار ئىدى، ھەر قېتىم ئېرى بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئۇنىڭ خۇيى تۇتۇپ قېلىپ ئوبدان ئۇخلىيالمايتتى، ھەتتا كېسەل بولۇۋېلىپ يىغلاپ غەلۋە قىلاتتى،ھېچ نېمىنى ئۇقالماي گاڭگىراپ قالغان ئېرى بولسا ھەدەپ:« نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟» دەپ توختىماي سورايتتى.

ئىشىنىمەنكى، بۇنداق كۆرۈنۈش سىزگە ھەرگىز يات ئەمەس، نۇرغۇن ئاياللار بەئەينى مالىنغا ئوخشاش، ئېرىنىڭ ياكى يىگىتىنىڭ سەزگۈر بولۇشىنى، چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىسىمۇ ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلالايدىغان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ،بىراق دۇنيادا بۇنداق سەزگۈر ئادەم ھەقىقەتەن يوق دېيەرلىك. ئۇلار يۈرەك سادالىرىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ ۋە چۈشىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن يۈرىكىڭىزگە تىڭشاش ئەسۋابى ئورنىتىپ قويالمايدۇ-دە. ئاشىق- مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىدە بۇنداق ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ تۇرۇۋالغان قىلىقنى قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق، نېمىدىن ۋايىم يەيسىز، قارشى تەرەپنىڭ قانداق گەپلەرنى قىلىشنى، قانداق ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىسىز، مانا بۇلارنى ئۇدۇللا ئېيتىڭ، گەپ قىلماي باتناپ، ئاچچىقلاپ تۇرۇۋالسىڭىز قارشى تەرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي غەمدە قالىدۇ-دە، ئاسانلا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ.

ئۈچىنچى ئادەت: بەزى ئىشلارنى كۆرمىگەنگە سېلىۋېلىش

ھەركىمنىڭ يا ئۇنداق يا مۇنداق ئۇششاق چۈششەك ئادەتلىرى بولىدۇ.

ئەر-خوتۇن، ئاشىق-مەشۇقلار ئۇزاققىچە بىللە تۇرمۇش كەچۈرسە شەخسكىلا خاس ئادەت ۋە غەلىتە ھەۋەسلەر بىر كۈنى ئوتتۇرىغا چىقماي قالمايدۇ، مەيلى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان قانداق غەلىتە ھەۋەس، ئادەم بولۇشتىن قەتىينەزەر، دانا پاراسەتلىك ئايال بۇلارغا پۈتۈنلەي پەرۋا قىلماسلىق يولىنى تاللىۋېلىش لازىم. بۇنداق ئەرزىمەس ئىشلارنى كۆرسىڭىزمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار ئۈچۈن زىياندىن پايدىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىماي قالمايسىز.

تۆتىنچى ئادەت: يېقىنچىلىق چىن يۈرەكتىن چىققان بولۇش

مۇھەببەتتە بىر-بىرگە بولغان ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئەڭ دەسلەپتە سۆيۈشۈشتىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كونا قەدىناسلاردىن بولۇپ قالدۇق دەپ سۆيۈشنى ئادەتتىكى ئىش قاتارىدا كۆرمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭغا چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت ئارىلاشقان بولىدۇ،ئەر ئاياللارنىڭ مۇھەببەت رىشتىنى بىر-بىرىگە مەھكەم چىگىدىغان بۇ ھېسسىيات ئامىلىغا  ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش بەختلىك نىكاھنىڭ مۇھىم بىر زۆرۈرىيەتلىرىنىڭ بىرى.

بەشىنچى ئادەت: ھەر كۈنلۈك ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماسلىق

ئەگەر ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاشىقىڭىزنىڭ بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن بەخىت ھېس قىلامسىز قانداق؟ بەلكىم كەچقۇرۇنلا ئۇچرىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن قىسقىغىنە بىر نەچچە ئېغىز سۆز بولسىمۇ ئۇ بۇ ئادىتىڭىزنى قەتئىي ساقلاپ قېلىڭ. قىسقا ئۇچۇر ئوتتۇراڭلاردىكى ھېسسىياتنى تۇتاشتۇرغۇچى بەلۋاغ بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ كۆڭلىدە سىزنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ھازىرغىچە تۇرمۇشنىڭ رېتىمى جىددىي،خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن ئىككىيلەن ئۇدا بىر نەچچە كۈن كۆرۈشەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن،شۇڭا مەيلى تېلېفون،قىسقا ئۇچۇر،ئېلېكترونلۇق يوللانما، ھەتتا ياستۇق يېنىغا قويۇلغان كىچىككىنە باغاقچە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنداقلا بىرلا مەقسەتنى، يەنى بىز كۆرۈشەلمىگەن بىلەن قەلبىمىز مەڭگۈ بىللە دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئالتىنچى ئادەت: خۇشاللىقنى ئۆزى يارىتىش

ھەمىشە تۈرلۈك ئولتۇرۇش، زىياپەتلەرگە قاتراپ يۈرىدىغان ئاشىق مەشۇقلارنى كىشىلەر ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، ئاخىرغىچە ھەقىقىي بىللە ئۆتەلەيدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىك ھاياتىنى، خۇشاللىقلارنى ئۆزلىرى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلارنى باشقىلار كېلىپ خۇش قىلمىسىمۇ، ھەر قانداق پائالىيەت ۋە ئويۇنغا تايانماي قانائەت تاپالايدۇ.

بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقلار كىرىسلودا سائەت سائەتلەپ جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرى كىتاب كۆرسە ياكى كۆرگەن چۈشلىرى ھەققىدە پاراڭلاشسا، ھەتتا بىللە ئولتۇرۇپ سۈكۈت ئىچىدە خىيال سۈرسە بولىۋېرىدۇ، بۇنىڭغا بىرەر تېما بەلگىلەپ بېرىش ھاجەتسىز،قانداقتۇر ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسىمۇ كېرەك ئەمەس، چۈنكى، ئۇلارغا نىسبەتەن بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ياندىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

يەتتىنچى ئادەت: ھەر ئىككى تەرەپ ھاياجانلىق مىنۇتلارنىڭ بولۇشىنى تەڭ، دادىل تەلەپ قىلىش

كۈندە تەكرارلانغان بىر خىل تۇرمۇش ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ، جىنسىي مۇھەببەتتىكى ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق. جۇشقۇن ئاشىق مەشۇقلار بۇ مەسىلىگە ھەرگىز سەل قارىمايدۇ، گۈزەل شېرىن جىنسىي مۇھەببەتنىڭ ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ياردىمى بار، گەپنى بەك ئېچىۋەتمىسەكمۇ، سەزگۈر ئاشىق مەشۇقلار بۇ جەھەتتىكى ئۇسۇل ۋە ھەرىكەتتە يېڭىچە بولۇپ بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ.

سەككىزىنچى ئادەت: ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىش

ئەگەر بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ياكى ھېسسىيات جەھەتتە خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇلارنىڭ سۆزلىشىۋاتقان چاغدىكى چىراي ئىپادىسىگە ۋە سۆز ئۇرامىغا قارىساقلا ئازراق بىر نېمىنى بىلىۋالالايمىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ھەدىسىلا قارشى تەرەپكە قاراپ كۆزنىڭ پاختىسىنى چىقارسا، سوغۇق كۈلسە ياكى تەنە قىلسا بۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىرى يەنە بىرىگە دائىم يوغانچىلىق قىلسا بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھۆرمەتنىڭمۇ كەملىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ئاشىق مەشۇقلار ئىمكانقەدەر تۈگەتمىسە بولمايدىغان يامان ئادەت. 

گەرچە نۇرغۇن ئەھۋاللاردا سىز ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزىڭىزنى پىكىر بايان قىلماسلىققا مەجبۇرلىغان بولسىڭىزمۇ، بىراق بىر ياخشى ئاشىق مەشۇق ئۆز مەشۇقىنى ھەرگىز تۆۋەن كۆرمەسلىككە ياكى ئۇنىڭغا كىنايە قىلماسلىقى لازىم. بەزىدە ئاشىقىڭىز ناھايىتى ئەخمەقلىق قىلىشى مۇمكىن، شۇنداق چاغدا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ مەۋقەسىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ دەككىسىگە، مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان بولسىڭىز، مۇقەررەر ھالدا ئۆزىڭىزنى ئازار يېگەندەك ھېس قىلىسىز، ئەگەر بۇنداق كۈچ قارشى تەرەپكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، ئۇ ئۇچرىغان زەربىمۇ دەل سىز دېگەن ئازارغا ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىش مۇناسىۋىتىڭلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.

توققۇزىنچى ئادەت: تامامەن ئوچۇق ئاشكارا بولۇشمۇ ھاجەتسىز

سەمىمىيلىك ھەممە ئىشتا سىزنىڭ جەزمەن زىيادە چىن، ھەقىقىي بولۇشىڭىزغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئەھۋاللاردا راست گەپ قىلىش ئانچە چىرايلىق بولمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭ مەشۇقىڭىزغا ئازار بېرىپ قويۇش ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ. بۇ مىسالغا قاراڭ ھە، مېي مېينىڭ يىگىتى ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قامىتىگە بىردىن ئونغىچە ئۆلچەم بويىچە نومۇر قويۇپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى، مېي مېي تۈزلۈك بىلەن يەتتە نومۇر بېرىمەن دېدى. ئەمما يىگىت بۇنىڭدىن ناھايىتى زور مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىغا كېلىپ قالدى، مانا بۇ كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدىغان راست گەپنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى.

قانداق قىلغاندا چىنلىق بىلەن دۇرۇس نىيەتتە قىلىنغان ساختىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆلچەمنى  ئوبدان ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى شۇكى، سۆزلەشتىن ئىلگىرى، ئەگەر بۇ سوئالنى مەن سورىغان بولسام مەن ئۇنىڭ ماڭا قانداق جاۋاب بېرىشنى ئۈمىد قىلاتتىم؟ دېگەننى ئويلاڭ. يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان تەرەپ شۇكى، ئاشىقىڭىز ئېيتقۇسى كەلمىگەن ئىشنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماڭ. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号