باش بەت

ئىرشاد ئەيسا

41يوللانما
0مەستانە

ئامراق ماشىنىڭىزغا قانداق ئاپتول ئالماشتۇرسىڭىز ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-09 11:42 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتول دېگەن نېمە؟ قانداق رولى بار ؟

ماشىنا سېتىۋالغاندىن باشلاپ ماشىنا ئىگىسى ماشىنا ئىشلىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، ماشىنا ئاسراشقا ئائىت مەسىلىلەرگىمۇ ئارقا–ئارقىدىن ئۇچراشقا باشلايدۇ. ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇچرايدىغىنى بولسا دەل ئاپتول ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر. بىرىكمە ئاپتول؟ 5W-40؟ مەخسۇس ماركىلىق ئاپتول؟ مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئارقىمۇ-ئارقا ئۇچراشقا باشلايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن يا بىلمىسەم قانداق قىلىمەن؟ ئاپتولنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ھېچقىسى يوق، بىز دەرھال سىز ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىمىز.

1.ئاپتول دېگەن نېمە؟

ئاپتول-نەزەرىيىۋى ئاتالغۇسى سىلىقلاش مېيى. ئابستراكت مەنىسى بولسا ماتورغا سىلىقلاش ئۈنۈمى بېرىدىغان ماي تۈرىدىن ئىبارەت، ئەگەر ماتورنى ماشىنىنىڭ يۈرىكى دېسەك، ئۇنداقتا ئاپتول دەل يۈرەكتىكى قاندۇر، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ.

ئەگەر ماتوردا ئاپتول كەمچىل بولسا، ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئالماشتۇرۇلمىغان بولسا، ئېنىقلا ماتورنى كاردىن چىقىرىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەخلەت قاتارىغا ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. قانداقسىگە بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ئۇنداقتا توردا تارقالغان بىر خەۋەرنى سىزگە كۆرسىتىپ قوياي.


 بۇ رەسىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ مانا بۇ 150 مىڭ كىلومېتىر مۇساپە بېسىپ بولغۇچە ئاپتول ئالماشتۇرمىغان ماشىنىنىڭ توردا تارقالغان سۈرىتى،

20170408152858111.jpg

بۇ رەسىمگە قاراڭ! بۇ 150 مىڭ كىلومېتىر مۇساپە ماڭغىچە ئاپتول ئالماشتۇرمىغان ماشىنىنىڭ ماتورىنىڭ ئىچكى قىسىمى.

قانداق؟ موتور ئىچكى قىسمىنىڭ بۇنداق قارىداپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قورقۇپ سەكرەپ كەتتىڭىزمۇ؟ شۇڭا ئاپتول دېگەن قانداق نەرسە؟ بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي توختالمىساق بولمايدۇ.

2. ئاپتولنىڭ قانداق رولى بار؟

ئاپتول ماتورنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، ماتور ئايلىنىش ھالىتىدىلا تۇرىدىكەن، ئاپتول توختىماي ئاقىدۇ، ئېقىش ھالىتىدە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. ئۇنداقتا ئاپتولنىڭ يەنە قانداق رولى بار؟

  1. سىلىقلاش، سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىش

ئاپتولنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى سىلىقلاشتىن ئىبارەت، ماتور ئايلىنىش جەريانىدا ھەرخىل زاپچاسلار ئارىسىدا كۈچلۈك سۈركىلىش شەكىللىنىدۇ، بۇ چاغدا ئاپتول ئېقىش ئىقتىدارى ئارقىلىق زاپچاسلار ئارىسىغا كىرىپ، ماي قەۋىتى ھاسىل قىلىپ سۈركىلىشنى يېنىكلىتىپ، ئۇپراشنى ئازايتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتولنىڭ ئۇپراشنىڭ ئازايتىپ، ماتورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش رولى بار.

2. تازىلاش رولى

ئاپتول ماتورنىڭ ئىچكى قىسمىدا توختىماي ئايلىنىپ ئېقىش جەريانىدا ماتور ئىچكى قىسمىدا شەكىللەنگەن كاربون، ماي داغلىرى، ماي چۆكمىسى قاتارلىق قالدۇق ئەخلەت ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ھەم بۇنداق چۆكمە ماددىلارنىڭ ماتور ئىچكى قىسمىغا قايتا ئېقىپ كىرىشىنى تىزگىنلەيدۇ، مانا بۇ ئاپتولنىڭ تازىلاش رولىدىن ئىبارەتتۇر.

3. ئاسراش ۋە يوچۇقلارنى ئېتىش رولى

ئاپتول يەنە ماتورنى سىلىقلاپ ئاسراشتىن سىرت، يەنە ئۆزىدىكى «مايلىق خۇسۇسىيەت» ئارقىلىق ئاسراش رولىمۇ بار، مەسىلەن ئاپتول ئۇزۇن مۇددەت مېتال زاپچاسلارنىڭ يۈزىدە چاپلىشىپ تۇرۇپ، زاپچاسلارنىڭ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، داتلىشىشنى توسىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئاپتول زاپچاسلار ئارىسىدىكى يوچۇقلارغا ئېقىپ كىرىپ يوچۇقلارنى ئېتىشتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.

4. سوۋۇتۇش رولى

20170408153707851.jpg

ئاپتول ماتورغا ئەگىشىپ يۇقىرى سۈرئەتتە توختىماي ئايلىنىدۇ ھەم ئاقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ماتور ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىقلىقنى مەلۇم مىقداردا تارقىتىپ، ماتورنى سوۋۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.

5. سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىش رولى

ئاپتول ئوققازانغا چۈشكەن بىر قىسىم ئېغىر يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم زاپچاسلارنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلۇشىنى ئاجىزلىتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号