باش بەت

ئەندەر

5664يوللانما
178مەستانە

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 32-ئايلانما: توتتېنھام 4-0 ۋاتفورد

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-08 23:25 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:30دا، 2016/2017-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئاق بۇغا كوچىسى مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توتتېنھام كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ۋاتفورد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توتتېنھامدىن ئالى بىلەن دېر بىردىن توپ، سون خيۇڭمېن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، توتتېنھام 4-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 7-مىنۇتىدا، ئالى پاس چىقاردى، بىراق ۋاتفورد قاپقىچىسى سون خيۇڭمېننىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا، ۋاتفورد قاپقىچىسى ئېرىكسوننىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا، ۋاتفورد قاپقىچىسى ئېرىكسوننىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 33-مىنۇتىدا توتتېنھام قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، سون خيۇڭمېن پاس چىقىرىپ، ئالى بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا، سون خيۇڭمېن پاس چىقىرىپ، دېر بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 44-مىنۇتىدا، ئېرىكسون پاس چىقىرىپ، سون خيۇڭمېن بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 3-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا، تىلىپېر پاس چىقىرىپ، سون خيۇڭمېن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىدا، خاررى كېن تامسون بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 81-مىنۇتىدا، خاررى كېن پاس چىقاردى، بىراق سون خيۇڭمېن توپنى كىرگۈزەلمىدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، توتتېنھام ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号