باش بەت

زورىگۈل

5705يوللانما
45مەستانە

كورېيەنىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاك گۆنھيې دېلوسىغا چېتىلىپ قىلىپ ئىستىپا سورىدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-09 17:52 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 7-ئاپرېل ئېيتىشىچە، كورېيەنىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ريۇ جائېگيوڭ سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۆنھيېنىڭ «يېقىنىنى سىياسىيغا ئارىلاشتۇرۇش سەتچىلىكى»گە چېتىشلىق بولغانلىقتىن ئۆزلۈكىدىن ئىستىپا سورىغان. بۇ باش ئەلچى پاك گۆنھيېنىڭ دوستى چوي سۇنسىل ئارقىلىق «ئۆسۈپ»، چوي سۇنسىلنىڭ بىرمىدىكى مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

شۇ كۈنى سېئول تەپتىشى چوي سۇنسىلنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى كەچتە بۇ تەكلىپنى تەستىقلىدى.

كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ 7-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، ريۇ جائېگيوڭ 6-ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىن رەسمىي ئىستىپا سورىغان ھەم بۇنداق قارار چىقىرىش «شەخسىي سەۋەب»تىن بولغان دېگەن. ئۇچۇر ئېلان قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكتىن بۇ ئەمەلدار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

ريۇ جائېگيوڭ بۇ يىل 58 ياش بولۇپ، بۇلتۇر 5-ئايدا كورېيەنىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇرۇن ئۇ سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقى شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ كەلگەن ھەم دىپلوماتىيە ئارقا كۆرۈنۈشى يوق ھەم بىرمىغا ئالاقىدار تەرجىمھالىمۇ يوق. شۇڭا، كورېيە ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغاندا دىپلوماتىيە ساھەسىدە چوڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان.

پاك گۆنھيېنىڭ «يېقىنلىرىنى سىياسىيغا ئارىلاشتۇرۇش سەتچىلىكى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تەپتىش تەكشۈرۈش ئارقىلىق ريۇ جائېگيوڭنىڭ چوڭ سۇنسىلنىڭ پىلانلىشى ئارقىلىق باش ئەلچىلىك ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بىرمىغا بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە چوي سۇنسىلنىڭ شۇ يەردىكى مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولغانلىقىنى بايقىغان.

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ريۇ جائېگيوڭ رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن بۇلتۇر 3-ئايدا چوي سۇنسىلنىڭ يالغۇز «يۈز تۇرانە ئىمتىھانى»نى قوبۇل قىلغان، ئاندىن باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلغانىكەن.

بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ريۇ جائېگيوڭ «يېقىنلىرىنى سىياسىيغا ئارىلاشتۇرۇش سەتچىلىكى»گە چېتىشلىق بولغانلىقتىن كورېيەگە قايتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان. ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى سوراق قىلغاندا ئۇ باشتا ئۆزىنى پاك دېگەن، كېيىن ئۆزىنىڭ چوي سۇنسىل بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، چوي سۇنسىلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باش ئەلچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ بىرمىغا قايتىپ داۋاملىق خىزمەت قىلغان.

كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ريۇ جائېگيوڭنىڭ ئىستىپانامىسى تەستىقلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. بىرمىدىكى خىزمەتلىرىنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا كورېيەگە قايتىشى مۇمكىن ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号