باش بەت

ئىرشاد ئەيسا

41يوللانما
0مەستانە

ئامراق ماشىنىڭىزغا قانداق ئاپتول ئالماشتۇرسىڭىز ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ (2)

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-09 20:11 1 ئىنكاس چۈشتى


3. ئاپتولنىڭ تۈرلىرى

ئاپتول سېتىۋالغان ياكى ئالماشتۇرۇپ باققان بارلىق دوستلار بەلكى مۇنداق ئاتالغۇنى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن، مىنېرال ئاپتول ۋە بىرىكمە ئاپتول. توغرا، بۇ ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاپتول، نۆۋەتتە بىز بىلىدىغان ئاساسلىقى مۇشۇ ئىككى خىل ئاپتول بار.

1. مىنېرال ئاپتول

مىنېرال ئاپتول بولسا ئاساسىي ماينى چەككىلەپ ئاندىن يەنە بىرقىسىم خۇرۇچلارنى قوشقاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئاپتولدۇر

2. بىرىكمە ئاپتول

بىرىكمە ئاپتول ئۆز ئىچىدىن يەنە پۈتۈن بىرىكمىلىك ۋە يېرىم بىرىكمىلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتولنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا ئاساسى ماينى پۈتۈنلەي خىمىيەۋىلىك ئۇسۇلدا بىرىكتۈرگەن ئاپتولنى كۆرسىتىدۇ.

يېرىم بىرىكمىلىك ئاپتول بولسا مىنېرال ئاپتول ئاساس قىلىنىپ بىرىكمە ئاپتولنىڭ خۇرۇچلىرى قوشۇلۇپ شەكىللەنگەن ئاپتولدۇر.

بىرىكمە ئاپتول بىلەن مىنېرال ئاپتولنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا بىرىكمە ئاپتول يۇقىرى تېمپېراتۇراغا چىداملىق، يېپىشقاقلىق، ئۆزگىرىشىگە چىداملىق، سوقۇلۇشنى پەسەيتىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، بىرىكمە ئاپتولنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭرى، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن، باھاسى تەبىئىيلا يۇقىرى، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بىرىكمە ئاپتولنىڭ «ماسلىشىشچانلىقى» ۋە «چىدامچانلىقى» تېخىمۇ يۇقىرى.

4. «5W-40» ،«SN» ،«SL» بۇ خىل بەلگە نومۇرلار نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

ئالدى بىلەن ئاپتولدا ئىككى خىل بەلگە بولىدۇ، SAE بىلەن API بەلگىسى، «5W-40»بۇ خىل كەلگەندە SAE بەلگىسى، «SN» ،«SL»بۇ خىل كەلگەندە APIبەلگىسى كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل بەلگىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

1. SAE بەلگىسىنىڭ مەنىسى

SAE بولسا Society of Automotive Engineersنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى، مەنىسى: «ئامېرىكا ماشىنا ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى»، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ بەلگە ئۆلچىمىنى ئامېرىكا ماشىنا ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى بېكىتكەن. بۇ بەلگە ئاپتولنى يېپىشقاقلىق دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىيدۇ. ئوخشاش بولمىغان بەلگە ئوخشاش بولمىغان يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «5W-40»دىكى «W» ئىنگلىزچە «winter» يەنى «قىش» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. «W»نىڭ ئالدىدىكى 5 رەقىمى بولسا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. رەقەم كىچىكلىگەنسىرى سوغۇق ھاۋا شارائىتىدا ئېقىشچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، سوغۇققا چىدامچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.«40» بولسا 100سېلسىيە گىرادۇستىكى يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ، رەقەم چوڭايغانسېرى يېپىشقاقلىقى ماس قەدەمدە چوڭىيىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇراغا چىدامچانلىقى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ.

SAE بەلگىسى ۋە API

بەلگىسى SAE1.

يېپىشقاقلىق دەرىجىسىدىكى ئاپتول ئۈچ خىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بۇلار :تۆۋەن تېمپېراتۇرا تىپىدىكى قىشلىق ئاپتول، يۇقىرى تېمپېراتۇرا تىپىدىكى يازلىق ئاپتول ھەم  قىش–ياز ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاپتول. ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىسى بار، مەسىلەن:

قىشلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئاپتول: (W)  0W ،5W ،10W ،15W ،20W ،25Wبولسا (قىش) پەسلىدە ئىشلىتىلىدۇ دېگەن مەنىدە، (W) نىڭ ئالدىدىكى رەقەم تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ، رەقەم قانچىكى كىچىك بولسا تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئېقىشچانلىقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇراغا بولغان چىدامچانلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

يازلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئاپتول: 20، 30، 40، 50. بۇ رەقەملەر 100 گىرادۇس ۋاقىتتىكى يېپىشقاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ، رەقەم چوڭايغانسېرى يېپىشقاقلىقى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇراغا چىدامچانلىقى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ.

قىش-يازلىق ئورتاق ئاپتول: 0W-20 ،0W-30 ،0W-40 ،0W-50 ،5W-20 ،5W-30、5W-40 ،5W-50 ،10W-20 ،10W-30 ،10W-40 ،10W-50 ،15W-20 ،15W-30、15W-40،15W-50 ،20W-20 ،20W-30 ،20W-40 ،20W-50. بۇلار ئاپتولنىڭ بەلگە نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ خىل ئاپتولنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىكى يېپىشقاقلىقى يېتەرلىك، قىش ياز ئورتاق ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئاپتولنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، نۆۋەتتىكى ئەڭ بازارلىق ئاپتول تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

ئادەتتە W نىڭ ئالدىدىكى ساننىڭ قىممىتى 35دىن يۇقىرى بولمايدۇ، بۇ دەل ئاپتول ئىشلىتىلىدىغان مۇھىتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇراسى ھېسابلىنىدۇ، ياكى توڭلاش دەرىجىسى دېسەكمۇ بولىدۇ، 0W نىڭ توڭلاش دەرىجىسى ℃35 -، 5W بولسا-30℃ بولىدۇ، 10W بولسا-25℃بولىدۇ، 15W بولسا-20℃ بولىدۇ،

2. API بەلگىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟

API بولسا American Petroleum Instituteنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىپ يېزىلىشى، مەنىسى «ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى» دېگەن مەنىدە، بۇ بەلگە ئاپتول سۈپەت دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەمما پەقەت سۈركىلىشكە چىدامچانلىقىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بارلىق «ئاپتول ئۇنىۋېرسال سۈپەت ئۆلچىمى»نى كۆرسىتىدۇ. API بەلگىسىدىكى «S» بىلەن باشلانغان ئاپتول بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماتورغا، «C» بىلەن باشلانغان ئاپتول دىزېل يېقىلغۇلۇق ئاپتولغا، «S» ،«C» ئىككىسى بىللە كەلسە بېنزىن ۋە دىزېل ماتور ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئاپتول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

«S» بىلەن باشلانغان API بەلگىلىك ئاپتول تۈرلىرى بولسا: SA、SB、SC、SD、SE、SF、SG、SH、SJ、SL、SM、SN。 قاتارلىقلار.

«C» بىلەن باشلانغان API بەلگىلىك ئاپتول تۈرلىرى بولسا: CA、CB、CC、CD、CE、CF、CF-2、CF-4、CG-4、CH-4、CI-4 قاتارلىقلار.

20170409182135867.jpg

نۆۋەتتە، API بەلگىلىك ئاپتول تۈرلىرى ئىچىدە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرىسى SN ھېسابلىنىدۇ، «S» ياكى «C»نىڭ ئارقىسىدىكى ھەرپ چوڭايغانسېرى، مۇھىت ئاسراشچانلىقى ۋە سىلىقلاش ئىقتىدارى تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

بېنزىل ماتورلارغا ئىشلىتىدىغان بارلىق ئاپتوللار ئادەتتە SJ ،SL ،SM ۋە SN شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى S بولسا بېنزىن ماتور ئاپتولىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، J ،L ،M ،Nلار ئاپتول سۈپەت دەرىجىسى ئايرىمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئېنىقلىمىلار ئىچىدە بىز بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان پارامېتىرلار تۆۋەندىكىچە :

SH سىنك چەكلىمىسى 1300ppm، فوسفور مىقدارى 1200ppm

SJ سىنك چەكلىمىسى 1100ppm، فوسفور مىقدارى 1000ppm

SL سىنك چەكلىمىسى 1100ppm، فوسفور مىقدارى 1000ppm

SM سىنك چەكلىمىسى 870ppm، فوسفور مىقدارى 800ppm

SN سىنك چەكلىمىسى <870ppm، فوسفور مىقدارى <800ppm

APIنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارى يەنىلا مۇھىت ئاسراش تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ، يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئاپتوموبىل چىقارغان كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىدۇ، قويۇپ بېرىشنى PM2. 5 تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا «S» ياكى «C»نىڭ كەينىدىكى ھەرىپى چوڭايغانسېرى، مۇھىت ئاسراشچانلىقى يۇقىرىلايدۇ، ھەرگىزمۇ ئاپتول شىركەتلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن بىردەك بولمايدۇ.

5. ئاپتولنى قانداق تاللايمىز؟

ئالدىنقى بەتلەردە ئاپتول بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، ئۇنداقتا ئەمەلىي تاللاپ ئاپتول سېتىۋېلىش جەريانىدا قانداق قىلىمىز؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئاپتولنى قانداق تاللاش توغرىسىدا بىر نەچچە خىل مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

1. 4S دۇكانلىرى دېگەندەك: «بۇ بولسا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئاپتول»، بۇ راستمۇ؟

ئاپتول زاۋۇتلىرى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر خىل ماركىلىق ماشىنا ئۈچۈن ئاپتول تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىمىزكى، (专车专用)«مەخسۇس ئاپتول» ياكى «ئەسلى ئورالمىلىق ئاپتول» (原装机油) دەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى مۇشۇ خىل ئاپتوللارنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاپتول ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ۋاكالىتەن ئىشلەپ بېرىدۇ.

20170409182124460.jpg

ئەڭ ئاۋۋال، ئاپتولغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان SAE ،API قاتارلىق كەسپى ئۆلچەم قويۇلىدۇ، چۈنكى ئاپتول زاۋۇتلىرى ھېچقاچان مەلۇم بىر تىپلىق ماشىنا ئۈچۈن مەخسۇس ئاپتول تەتقىق قىلىپ ياسىمايدۇ، شۇڭا مەخسۇس ماشىنىغا مەخسۇس ئاپتول دېگەندەك ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئەسلى ئورالمىلىق ئاپتولغا كەلسەك بۇ خىل ئەسلى ئورالمىلىق ئاپتول مەھسۇلاتلىرى، ئەمەلىيەتتە ئاپتول زاۋۇتلىرى ۋاكالىتەن ئىشلەپ بەرگەن ئاپتول خالاس، ھەتتا بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاپتولنىڭ دەل ئۆزى شۇ، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبى پەقەتلا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ پايدىنى كۆزلەپ تاپقان ئامالى خالاس. سىز پەقەت ماشىنىڭىزغا ماس كېلىدىغان ئاپتولنى تاللىيالىسىڭىزلا، شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ مۇۋاپىق. شۇڭا مەخسۇس ئىشلەنگەن ئاپتوللارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەڭ.

2. قىشتا قانداق ئاپتول ئىشلىتىمىز؟

20170409182126893.jpg

قەھرىتان قىش كېلىشتىن ئىلگىرى، سىز ماشىنىڭىزغا ماس كېلىدىغان ئاپتول ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئېقىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئاپتوللارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەسىلەن: SAE ئۆلچىمى 5W بولغان مەھسۇلاتلار، ئەگەر سىز قاتتىق سوغۇق بولىدىغان شىمالدىكى رايونلاردا بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزگە 0W دەرىجىسىدىكى ئاپتولنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر سىز تۇرغان رايون بەك سوغۇق ئەمەس رايون بولسا 10W ،15W دەرىجىسىدىكى ئاپتوللار ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

3. يازدا قانداق ئاپتول ئىشلىتىمىز؟

ئەلۋەتتە، يازدا تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما ماتورنىڭ ئىچكى قىسىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاسانلا ℃ 100قا يېتىدۇ، يازلىق تاللىغان ئاپتول سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرىمايدۇ، نۆۋەتتىكى بىرىكمە ئاپتوللارنىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغاندىكى ئۆزگىرىشى بەك كىچىك، ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماتور ياساش تېخنىكىسى يېڭىلاندى، زاپچاسلار سىپتا، شۇڭا ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقىغا بولغان تەلىپىمۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا SAE 30 دەرىجىدىكى ئاپتولنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ ماتورى قېرىغان بولسا، يەنىلا SAE 40لىق ئاپتوللارنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

4. ماشىنام بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق تۇربىنىلىق، قانداق ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ھەممىمىز بىلىمىز، ئوخشاش ئات كۈچىدىكى تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتورلارنىڭ تەبىئىي ھاۋا سۈمۈرۈش تىپىدىكى موتورغا قارىغاندا ئىقتىدارى يۇقىرى، زاپچاسلارنىڭ ئۇپرىشى تېز، بۇ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ئۇنداقتا بۇ خىل ماتورغا قانداق ئاپتول ئالماشتۇرساق مۇۋاپىق بولىدۇ؟بۇ خىل موتورغا ئۇپراشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، يۇقىرى تېمپېراتۇراغا چىداملىق، ماي قەۋىتى چىداملىق، پۈتۈن بېرىكمىلىك ۋە يېرىم بېرىكمىلىك ئاپتوللارنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى پۈتۈن بىرىكمىلىك ۋە يېرىم بىرىكمىلىك ئاپتوللارنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغاندىكى ئۆزگىرىشى كىچىك، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىدامچانلىقى كۈچلۈك، ماي قەۋىتىنىڭ چىدامچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇخىل ئاپتوللار بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق تۇربىنىلىق ماتورلارغا ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

5. پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتوللارنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار، بارلىق ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىۋېرەمدۇ؟

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتوللار بارلىق ماشىنىلارغا ماس كېلىدۇ،

پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتوللار ياخشى سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇش ھەم تۇراقلىق بولۇش ئىقتىدارىغا تايىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا، ئەمما بارلىق ماشىنىلارغا پۈتۈن بېرىكمىلىك ئاپتوللار ماس كېلەمدۇ؟ جاۋابنى ياق، نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتول ئەڭ ياخشى تاللاش، ئەمما ماي قەۋىتىنىڭ نېپىز بولۇش ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر ئۇپراپ كەتكەن كونا ماتورلارغا ماس كەلمەيدۇ ياكى ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەش زىچلىقى يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىدىغان تىپتىكى ماشىنىلارغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ ماتور ئىچكى قىسمىدىكى يوچۇقلار نىسبەتەن چوڭ، پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتوللار ياخشى سىلىقلاش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ، ئورۇنسىز زەخىملىنىپ ئۇپراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتولنىڭ سىلىقلاش ئىقتىدارى مىنېرال ئاپتولغىمۇ يەتمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئېيتىمىزكى، «ئاق ئاشلىق يېيىشلىك بولغان بىلەن قورساق تويمايدىغان» ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇ پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتوللارنىڭ ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاپتول ئالماشتۇرغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

6. ئاپتول ئالماشتۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

مەيلى سىز يېڭىلا ماشىنا سېتىۋالغان بولۇڭ، ياكى ئۇزۇن يىللىق ماشىنا ھەيدىگەن كونا شوپۇر بولۇڭ، ئاپتول ئالماشتۇرۇش قاتتىق ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش، بىخەستەلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئۇنداقتا بىز ئاپتول ئالماشتۇرغاندا زادى قانداق ئىشلارغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم؟

1. قايسى ۋاقىتتا ئاپتول ئالماشتۇرىمىز؟

ئەگەر سىز ماشىنىڭىز ئىزچىل 4S دۇكانلىرىدا ئاسراپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاپتول ئالماشتۇرۇشمۇ تەبىئىيلا سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ ئاسراش قوللانمىسى بويىچە بولىدۇ، ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ماشىنا خوجايىنلىرىغا قويغان تەلىپى 5000 كىلومېتىردا ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇشتۇر، ئاز بىر قىسىم ماركىلارلا 7500 كىلومېتىردا ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ سانلىق قىممەتلەر تەبىئىيكى زاپچاسلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ماشىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن زاۋۇت ئاپتول ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئالدىغا سۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ھەم مەلۇم نىسبەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پايدا ئالغان بولىسىز.

ئەگەر ئۆزىڭىز ئاپتول سېتىۋېلىپ ئاسراش قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى سىز سېتىۋالغان ئاپتولنىڭ تىپىغا ئاساسەن بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە مىنېرال ئاپتوللارنى يېرىم يىل ياكى 5000 كىلومېتىردا ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز بولىدۇ، يېرىم بېرىكمىلىك ئاپتوللارنى يېرىم يىل ياكى 7500 كىلومېتىردا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتوللارنى 10000 كىلومېتىردا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئەگەر ماشىنىڭىز ئۇزۇن مەزگىل قىسقا ئارىلىقتا يول يۈرۈپ خىزمەت قىلغان بولسا، مەسىلەن دائىم توسۇلۇش يۈز بېرىدىغان شەھەر ئىچى يول بۆلىكىدە يول يۈرگەن ئەھۋالدا ھەم مۇساپىسى 10 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا كۆپ مىقداردا كاربونلار يىغىلىپ، سىزنىڭ ئاپتول ئالماشتۇرۇش ۋاقتىڭىزنى %20 ئالدىغا سۈرۈۋېتىدۇ. يەنى مىنېرال ئاپتولنىڭ مۇساپىسى 4000 كىلومېتىر، يېرىم بىرىكمىلىك ئاپتولنىڭ مۇساپىسىنى 6000 كىلومېتىر، پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتولنىڭ مۇساپىسىنى 8000 كىلومېتىرغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق دېگەندە يەنىلا ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ، قىسقارتىپ ئېيتقاندا ئاپتولنىڭ سۈپىتى ئۆزگەردىمۇ-يوق؟ تەكشۈرۈپ باقساقلا بولىدۇ.

2. ئاپتولنى تەكشۈرۈپ بېقىپ ئالماشتۇرۇشتۇرۇش

ئاپتولنى تەكشۈرۈشنىڭ بىۋاسىتە ئۇسۇلى بولسا كۆزىتىشتۇر، بىز بىر تال ئاپتول سىناق قەغىزىنىڭ ياردىمى بىلەنلا بۇنى تاماملىيالايمىز، سىناق قەغىزىنى ئاپتوموبىل كېرەكلىك بۇيۇملىرى سېتىش دۇكانلىرىدىن ياكى توردىن سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. ماشىنىنى تۈز يەرگە توختىتىپ، ئاپتول مىقدارىنى ئۆلچەش سىزغۇچى ئارقىلىق ئازراق ئاپتول ئېلىپ سىناق قەغىزىگە بىر تامچە تېمىتىپ ،(سىناق قەغىزىدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە) بىر ئازدىن كېيىن كۆزىتىپ باقسىڭىز ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟ بۇنى بىلەلەيسىز.

3. ئاپتولنىڭ ئورنىنى قانداق تەكشۈرىمىز؟

ئاپتول ئورنىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتول ئېقىپ كېتىش، ئاپتول كۆيۈش ۋە خوراشتىن كېلىپ چىققان ئاپتول كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسان ھەم قولاي، ماشىنىنى تۈز يەردە توختىتىپ، ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ئاپتول سىزغۇچىنى چىقىرىپ پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، قايتىدىن ئورنىغا تولۇق كىرگۈزىمىز، ئاندىن يەنە چىقىرىپ قاراپ باقساقلا، ئاپتول سىزغۇچىنىڭ مايلاشقان دائىرىسىگە ئاساسەن ئاپتول ئورنىنى بىلەلەيمىز.

بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ھازىرقى ماشىنىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېلېكتىرونلۇق ئاپتول كۆرسەتكۈچ چىرىغى بار، ماشىنا ئىچىدىكى ئاپتول كۆرسەتكۈچ چىرىغى ئاپتول ئورنىنى ئاپتوماتىك كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاپتول ئازلاپ كەتكەن تەقدىردە سىزگە دەل ۋاقتىدا ئاپتول تولۇقلاشنى ئەسكەرتىدۇ.

4. ئاپتولنى قانداق ئالماشتۇرىمىز؟

بىرىنچى قەدەمدە ماشىنىنى ئوت ئالدۇرىمىز، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال دەرىجىگە يەتكەندە ئوتنى ئۆچۈرىمىز. ئاپتول ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن تېخى سوۋۇمىغان ماتور ئىچىدىكى ئاپتول چوقۇم تولۇق ئېقىپ ئورنىغا كېلىپ بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ماتوردىكى ئارىلاشما ماددىلار سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن ماشىنىنى كۆتۈرىمىز، بۇ چاغدا قول تورمۇزنى تارتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

 

ئىككىنچى باسقۇچ: سايمان بىلەن ماشىنىنىڭ ئاستىدىكى ئاپتول چۈشۈرۈش جۈمىكىنى چىقىرىپ بارلىق كونا ئاپتولنى چىقىرىپ تاشلايمىز، كونا ئاپتولنى يىغىۋېلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ! ئاپتولنىڭ تولۇق ئېقىپ بولۇشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭ! ئاپتول چۈشۈرۈش جۈمىكىنى سېلىش جەريانىدا بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ، يېڭى ئاپتولنى ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا، ئاپتول سۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ!

ئۈچىنچى باسقۇچ: سۈزگۈچ  كۇلۇچى ئارقىلىق ئاپتول سۈزگۈچنى ئېھتىيات بىلەن يېنىك بوشىتىڭ، يېڭى سۈزگۈچكە ئاپتولدىن ئازراق قۇيۇۋېتىڭ، ئاندىن سۈزگۈچنى ئورنىغا سېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

 

تۆتىنچى باسقۇچ: يېڭى ئاپتولنى ئاپتول قۇيۇش ئېغىزىدىن ئېھتىيات بىلەن قۇيىمىز، ئاپتولنىڭ ماتورغا تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز كېرەك، ئەھۋالغا قاراپ ۋارونكا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

بەشىنچى باسقۇچ: ئاپتول قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئاپتول سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئەگەر نورمالسىزلىق بولمىسا ماشىنىنى پەسكە چۈشۈرۈپ، ئاپتول كۆرسەتكۈچ سىزغۇچىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتول مىقدارىنى جەزملەشتۈرۈپ، ماشىنىنى قايتىدىن ئوت ئالدۇرۇپ، ئاپتول چىرىغى نورمال بولسا ئىش تامام، ئاخىرىدا كونا ئاپتولنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ئىزاھات :يۇقىرىدا تىلغا ئالغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئاپتولغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ، سىزگە ياردىمى تېگىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر كېلەر قېتىم يەنە ئاسراش ۋاقتى كەلسە، ئاشۇ ئاپتولنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا قانداق ئاپتول ماس كېلىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى بىلىپ ئالماشتۇرۇڭ، ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغان سۆزۈم: بىر قىسىم زاۋۇت، سودىگەرلەرنىڭ تەشۋىقاتىدىكى «تولۇق ئىقتىدارلىق» دېگەندەك دەبدەبىلىك ناملارنى قويۇۋالغان ئاپتوللارغا ئىشىنىپ كەتمەڭ! پەقەت سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا ماس كەلگەن، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتول سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ!


تەرجىماندىن: بۇ ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ پايدا ئېلىپ كېلەلىگەن بولسام تولىمۇ خوش بولاتتىم، چۈنكى بەزى بىر قىسىم كاززاپ ئۇستاملارنىڭ ماشىنا ئاسراش بىلىملىرىنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئالداپ، ماشىنىسىغا ماس كەلمەيدىغان ساختا ئاپتوللارنى قۇيۇپ بېرىپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن زىيانلارنىڭ كېلىپ چىققىنىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق! شۇڭا  ئاپتول ئالماشتۇرغاندا كەسپى بىلىمى يۇقىرى بولغان ئۇستاملارغا، ياكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا ئالماشتۇرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز!

باش سۈرەت تاللاش x
  • راخمان ئابلا5 ئاي ئىلگىرى

    داۋاملىق ياخشى ئۇچۇرلارنى يوللىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن رەخمەت سىلەرگە ،بىز ئۈچۈن ئويلىغانلىرىڭلاغا كۆپ رەھمەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号