باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

بېنزىننى خاتا قاچىلاپ قويغاندا قانداق قىلىش كېرەك

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-10 12:38 0 ئىنكاس چۈشتى

ماشىنا ئائىلىسى تورى 9-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەتتە ماشىنا ئىگىلىرى «يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن تۆۋەن ئۆلچەملىك بېنزىندىنمۇ قىممەت، شۇڭا يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىننىڭ سۈپىتى ۋە ساپلىق دەرىجىسى ياخشىراق بولىدۇ، شۇڭا ماشىنىغا يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلىغان ياخشى» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بېنزىننىڭ ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ماتورنىڭ پىرىسىلاش نىسبىتىگە ئاساسەن تاللاش كېرەك. 

ئادەتتە پىرىسلاش نىسبىتى 8.0~10.0غىچە بولسا 92-نومۇرلۇق بېنزىن تاللىنىدۇ؛ پىرىسلاش نىسبىتى 10.0دىن يۇقىرى بولسا 95-نومۇرلۇق بېنزىن تاللىنىدۇ. گەرچە نەزەرىيە جەھەتتە شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭ ماتور تېخنىكىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاتالمىش قالتىس تېخنىكا يۇقىرىقى نەزەرىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، مەسىلە: مازدانىڭ پىرىسلاش نىسبىتى 13كە يېتىدىغان ماتورىغا يەنىلا 92-نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىلىدۇ. كەڭ ماشىنا ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ماشىنىنى ئاسراش تەلىپىگە قايسى خىل ئۆچەم ماس كەلسە شۇ ئۆلچەمدىكى بېنزىننى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئادەتتە ماشىنا ئىگىلىرى قوللانمىسى ۋە بېنزىن باكى قاپقىقىنىڭ ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىلگەن بولىدۇ. 

تۆۋەن ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلىنىدىغان ئاپتوموبىلغا يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلاشقا بولامدۇ؟

تامامەن بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ماشىنا ۋە ماتورغا قىلچە زىيان يەتمەيدۇ، بىردىنبىر زىيان بولىدىغىنى يانچۇقىڭىزدىكى پۇلىڭىز. 

يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلىنىدىغان ئاپتوموبىلغا تۆۋەن ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلاشقا بولامدۇ؟

ئەگەر ماشىنا ئىگىلىرى ماشىنا ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ئۆلچەمدىكى بېنزىن ئىشلەتسە پەقەت ھەرىكەت كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ماينى باكتىن چىقىرىۋېتىپ، قايتىدىن ماي قاچىلاشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق؛ ئەمما ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن ئۆلچەملىك بېنزىن ئىشلىتىلسە، ئۇ ھالدا «سىلىندىردىن ئاۋاز چىقىش»، ماتورنىڭ تەۋرىنىشى كۈچىيىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى، يەنە ماتورنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئىشلىتىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىشى مۇمكىن. 

بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماشىنىغا دىزېل مېيى قاچىلاشقا بولامدۇ؟

بېنزىن بىلەن دىزېلنىڭ كۆيۈش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا (بېنزىن ماتور ئوت تۇتاشتۇرۇش شەكلىدە، دىزېل ماتور بولسا قىسىپ كۆيدۈرۈش شەكلىدە يېقىلغۇ كۆيدۈرىدۇ)، ئەسلىدە بېنزىن قاچىلىنىدىغان ماشىنىغا دىزېل قاچىلانسا ماتورغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ماشىنا كۈچلۈك تەۋرىنىش، گاز تۇرۇبىسىدىن قويۇق ئىس چىقىش، ھەتتا ماشىنا ئوت ئالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالدا داۋاملىق ئىشلىتىلسە پۈتكۈل ماي يولى سىستېمىسىنى، ھەتتا ماتورنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ماشىنا ئاساسىي جەھەتتىن كاردىن چىقىدۇ، بۇ خىل زىياننى سۇغۇرتا شىركىتىمۇ تۆلەپ بەرمەيدۇ. 

ئەگەر ماشىنىغا خاتا ھالدا دىزېل مېيى قاچىلىنىپ، بايقالغان ۋاقىتتا ماشىنا تېخى ھەيدەلمىگەن بولسا، ئۇ ھالدا خاتا قاچىلىنىپ قالغان ماينى چىقىرىۋېتىپ، ماي باكىنى تازىلىغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىدىن ماي قاچىلىسا بولىدۇ. ئەگەر ماشىنا بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن بايقالسا ئۇ ھالدا ماشىنىنى دەرھال كەسپىي رېمونت زاۋۇتىغا ئاپىرىپ، كەسپىي خادىمغا رېمونت قىلدۇرۇپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号