باش بەت

خالمۇرات روزى

847يوللانما
15مەستانە

ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: مادرىد ئاتلېتكا 0:1 لېيچېستېر شەھىرى

مەنبە:پۇتبولچى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-13 11:08 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر 0:45دە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا لېيچېستېر شەھىرىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كوكېنىڭ توپى تۈۋرۈك سوقتى، گىرېزمان نۇقتا توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىككىلى تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا مادرىد ئاتلېتكا 0:1 نەتىجىدە لېيچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 4-مىنۇتتا، گىرېزمان چەكلەنگەن رايونغا پاسلىدى، توررېسنىڭ توپىنى شۇمچېل توسۇۋالدى. 5-مىنۇتتا، كوكېنىڭ يىراق ئارىلىقتىن تەپكەن توپى تۈۋرۈك سوقتى. مۇسابىقىنىڭ 13-ۋە 16-مىنۇتىدا گىرېزمان ۋە سائۇلنىڭ يىراق ئارىلىقتىن تەپكەن توپى قاپقا دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. 28-مىنۇتتا، مادرىد ئاتلېتكا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، قارشى تەرەپ توپچىسى ئالبېرتون چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئەتراپىدا گىرېزماننى يىقىتىۋەتتى، رېپىر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، گىرېزمان نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، مادرىد ئاتلېتكا بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

55-مىنۇتتا، لېيچېستېر شەھىرىدىن ماھرېز چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئەتراپىدا قاپقىغا تەپتى، لېكىن بۇ توپ قاپقا دائىرىسىدىن ئۆرلەپ كەتتى. 60-مىنۇتتا، ماھرېز قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىدا يىقىلدى، لېكىن رېپىر گابىنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىدى دەپ قاراپ نۇقتا توپ قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى. كېيىن ئىككىلى تەرەپ ياخشى پۇرسەت يارىتالماي، مادرىد ئاتلېتكا 0:1 نەتىجىدە لېيچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلدى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号