باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

دوختۇرلار 250 جىڭ كېلىدىغان تۇغۇتلۇق ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا بوۋاقنى تاپالماي قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-15 13:02 0 ئىنكاس چۈشتى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى: شىيامېندىكى ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان، لېكىن ئېغىرلىقى 250 جىڭغا يېتىدىغان تۇغۇتلۇق ئايالدا تۇغۇت مەزگىلىدە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە باش سۈيى بەك ئاز بولۇش قاتارلىق بىر قاتار خەتىرى يۇقىرى يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن بۇ ئوپېراتسىيە شىيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇر-سىستېرالىرىنى خېلىلا قىيناپ قويغان. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئادەتتە پەقەت 30 مىنۇتتىلا ئاخىرلىشىدىغان تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى بىر سائەت 15 مىنۇتقا ئۇزىراپ كەتكەن، دوختۇرلار خېلى ھەپىلىشىپ بۇ بودەك ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقنى مىڭ تەسلىكتە ئىزدەپ تېپىپ ئالغان.

مەزكۇر ئوپېراتسىيىدىكى باش مەسئۇل دوختۇر لى يۈنخۇا بىلەن ياردەمچى دوختۇر خۇاڭچى قاتارلىقلار بۇ بودەك ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ زادى قايسى قىسمىنى كېسىشنى تاپالماي قىينىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئوپېراتسىيىگە ۋاقىتلىق ئىككى سېستىرا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى سېستىرا ئايرىم ئايرىم ھالدا ھامىلدار ئايالنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، پىچاق تەگكۈزۈلىدىغان قىسىمنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھامىلدار ئايالنىڭ ساڭگىلاپ كەتكەن قورسىقىنى ئىككى ياندىن كۆتۈرۈپ تۇرغان. دوختۇرلار مىڭ تەسلىكتە ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنى  ئاچقاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ نەدىلىكىنى تاپالماي يەنە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

لى يۈنخۇا دوختۇر كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى:«بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ماي قەۋىتى ھەددىدىن زىيادە قېلىن بولغانلىقى شۇنداقلا  بالياتقۇ تۈۋى بەك چوڭقۇر بولغانلىقى ئۈچۈن قولىمىزنى خېلى سوزۇپ باققان بولساقمۇ بوۋاقنىڭ زادى نەدىلىكىنى تاپالماي قىينىلىپ قالدۇق»، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ بالياتقۇ تۈۋىگە قولنى يەتكۈزۈش ناھايىتى تەس بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇغۇت ئوپراتسىيىسىدە بالىنى ئېلىش ئۇسۇلى بۇ ئوپراتسىيىگە قىلچە ماس كەلمەي قالغان، ئامالسىز قالغان دوختۇرلار ئاخىرى تۇغۇت قىسقۇچى ئارقىلىق بوۋاقنى مىڭ تەسلىكتە بالياتقۇدىن ئالغان. ئادەتتىكى تۇغۇت ئوپراتسىيىسىدە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ماي قەۋىتىنى تىكمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ ئايالنىڭ ماي قەۋىتى بەك قېلىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قەۋەت تىكىشكە توغرا كەلگەن. بۇ قېتىملىق ئالاھىدە ئوپراتسىيە تۇغۇت دوختۇرلىرىنى خېلىلا قىيناپ ھالسىرىتىپ قويغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号