باش بەت

شەرىفە

1026يوللانما
164مەستانە

بىرمىدىكى 611 توننىلىق چوڭ ئالتۇن تاش

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-04-18 19:40 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەبىئەت دۇنياسىدا نۇرغۇن غەلىتە ھادىسىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، تەڭپۇڭ تاش. بىرما مون شىتاتىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى بىر كىچىك كەنتتە دېڭىز يۈزىدىن 100 مېتىر ئېگىزلىكتە 611 توننا كېلىدىغان غايەت زور بىر تاش قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۈگۈن بىز بۇ تاش بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقىمىز.

بۇ گىگانت تاش «ئالتۇن تاش» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ تاش قويۇلغان جاي بىرمىدىكى بۇددا دىنى مۇخلىسىلىرىنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ ئالتۇن تاشنىڭ ئېگىزلىكى 8.15 مېتىر، تاشنىڭ ئۈستىدە 7.3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇددا مۇنارى بار، بۇ تاش بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى ئۈستىگە ئالتۇن ۋاراق چاپلاۋېرىپ داڭق چىقارغان.

بۇ تاشنى نېمىشقا ئالاھىدە دەيمىز؟ ئىنچىكە كۆزەتسەك تاشنىڭ ئۇلىنىڭ يەر بىلەن ئانچە بەك تېگىشمىگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، قاراشقا ھەر ۋاقىت چۈشۈپ كېتىدىغاندەكلا كۆرۈنىدۇ، بىراق يۈز نەچچە يىلدىن بېرى قاتتىق بورانلاردىمۇ چۈشۈپ كەتمىگەن.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇددا دىنى ئەقىدىسىدىكى تەڭرى بۇرخاننىڭ چېچى تاشنىڭ ئۈستىدىكى مۇنارغا قويۇپ قويۇلغاچقا بۇ تاش تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، ئەلۋەتتە، بۇ بىر ئەپسانە. بىراق بۇنى تېخى ھېچكىم پەن-تېخنىكا بىلەن ئىسپاتلاپ چىقمىدى.

بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى تاشقا ئالتۇن ۋاراق چاپلاۋاتىدۇ.

بۇ ئالتۇن تاشنى ئۆز قولى بىلەن سىلاپ بېقىش ئۈچۈن چوقۇم كىچىك بىر كۆۋرۈكتىن ئ‍ۆتۈش كېرەك. قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، ئۇ كۆۋرۈكتىن ئەر كىشلەرلا ئۆتسە بولىدۇ، ئاياللار پەقەت يىراقتىن قارىسىلا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号