باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

رۇسىيەلىك بايۋەتچىلەر بىلەن تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سېلىشتۇرمىسى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-18 23:36 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 17-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول چوڭ دۆلەت بولغاچقا، مول نېفىتى بىلەن تەبىئىي گازلىرى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى مىلياردېرغا ئايلاندۇرغان. سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بارغانسېرى ئاشماقتا. بىراق، مىلياردېرلار كۆپىيىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. سۈرەتتە، موسكۋا شەھەر سىرتىدىكى داچىسىدا ئېيىق تېرىسىدا راھەتلىنىپ ياتقان مىلياردېر.

سۈرەتتە، ھاراق ئىچىۋاتقان سەرگەردان. ئۇلار ئىسپىرت ئارقىلىق بەدىنىنى ناركوزلايدۇ. رۇسىيەلىكلەر ئەسلىدىلا ھاراقخۇمار بولۇپ، ھەر يىلى ھاراقنى كۆپ ئىچىش سەۋەبلىك قازا قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.

سۈرەتتە، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مەيدانىدىكى بايۋەتچىلەر پۇلنى قەغەزنىڭ ئورنىدا خەجلىمەكتە.

سۈرەتتە، تاماق يەۋاتقان رۇسىيەلىك ئىشچىلار. ئۇلار ئەرزان باھالىق تاماقلارنى يەپ، ھەشەمەتلىك بىنالارنى سالىدۇ.

سۈرەتتە، ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىدا تاماق يەۋاتقان بايۋەتچىلەر. ئۇلار بىر ۋاق تاماققا قانچىلىك پۇل خەجلەش بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ.

نامراتلار رايونىدىكى بۇ موماينىڭ يېنىغا قويۇلغان بولكا ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەتتە، بىر بايۋەتچىنىڭ ئۆيىنى بېزەۋاتقان ئىشچىلار ۋاننىدا يۇيۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قاتتىق خۇشال بولغان.

سۈرەتتىكى بايۋەتچە ئايال كۇنۇپكىسىغا ئالماس ئورنىتىلغان، قىممىتى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېىتىدىغان يانفون كۆرمەكتە.

سۈرەتتە تاماكا چېكىۋاتقانلار ھاراق تاشلىتىش ئورنىدا ياتاق-تاماق ھەقسىز بولغانلىقتىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋالغان.

سۈرەتتە، بايۋەتچىلەرنىڭ كېچىلىك بەزمىخانا ئالدىدا سىگارت چېكىۋاتقان بالىلىرى. ئۇلارنىڭ دادىسى سودىگەر ياكى ئەمەلدار.

سۈرەتتە، نامراتلار رايونىدا قونچاق سېتىۋاتقان ئايال. بۇ جاينىڭ مۇھىتى تولىمۇ ناچار بولۇپ، يان تەرەپكە بىراك قىلىنغان ماشىنىدىن بىرى توختىتىپ قويۇلغان.

سۈرەتتە، باشقا جايدىن ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن ئىككى ئەر. ئۇلار بۇ جايغا ئاز-تولا پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى قامدىغىلى كەلگەن. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن قاماقخانىغا كىرىپ قالغان.

سۈرەتتە، قىز دوستى بىلەن بىرلىكتە ماشىنا تاللاۋاتقان بايۋەتچە. دادىسى تاپقان پۇل ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر بۇزۇپ-چېچىشىغا يېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号