باش بەت

durdana

1066يوللانما
56مەستانە

«بېگموت» دەپ مەسخىرە قىلىنغان ئايال بىر يىلدا 70 جىڭ ئورۇقلىدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-19 16:42 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا يۇتا شىتاتىدىكى 48 ياشلىق ئايال Peggy Pullen نەچچە يىل ئاۋۋال ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلىدە 180 جىڭلىق سېمىز بەدىنى بىلەن بىر كىچىك بالا تەرىپىدىن «بېگموت» دەپ مەسخىرە قىلىنىغان. ئۇ بەك زەربىگە ئۇچراپ، ئورۇقلاشنى قارار قىلغان. 10 ئايدىن كېيىن ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 70 جىڭ ئورۇقلاپ، مۇكەممەل بەدەنگە ئىگە بولغان.

نەچچە يىل بۇرۇن پېگىي 4 بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلىگە بارغان. ئويلىمىغان يەردىن بىر كىچىك بالا ئۇنى «بېگموت» دەپ ئاتىغان. ئۇ بەك زەربىگە ئۇچراپ، ئازابلانغان. ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن قاتتىق يىغلاپ كەتكەن. بىر مەزگىل ھېچقانداق ئىش قىلغۇسى كەلمىگەن، ئۆيگە سولىنىۋېلىپ، يېمەي، ئىچمەي، ھەتتا ئۆيىدىكىلىرىگە گەپمۇ قىلمىغان. لېكىن ھاياتىدىكى بۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇ ناھايىتى مۇھىم قارارنى چىقارغان يەنى ئورۇقلىماقچى بولغان.

پېگىي 12 ھەپتىسى بىر باسقۇچ ھېسابلىنىدىغان ئورۇقلاش تۈرىگە تىزىملاتقان. تۈر گۇرۇپپىسىدىكى باشقا ئەزالار ئۇنى قوللىغان، ياردەم قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ قىيىن ئىش- ئۆزىنىڭ سېمىز رەسىمىنى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ تورىغا يوللاش بولغان. يەنە بىر چوڭ كۈرەش بولسا، ھەر كۈنى تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش بولغان. چۈنكى ئۇ دائىم مۇنداق ئويلىغان:«ئۇلار مېنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇلار مەندەك ھەم سېمىز، ھەم قېرى ئايالنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ». شۇنداقتىمۇ ئۇ ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان، 10 ئايدىن كېيىن 70 جىڭ ئورۇقلىغان.

گەرچە ئۇزۇن مەزگىل ئورۇق بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش قىسقا مۇددەتتە ئورۇقلاشتىن تەس بولسىمۇ، پېگىي كېيىنكى بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل ئورۇق بەدەن شەكلىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ بۇنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ساغلام ئوزۇقلانغانلىقىدىن شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى قوللىغانلىقىدىن دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئىكەن، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتەلىسە، ئۇ ھەر قانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号