باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

كىچىك ۋاقتىدىكى سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئورۇقلىغان قىز ياغاچتەك بولۇپ قالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-19 23:00 0 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى 19-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق 28 ياشلىق سىتېفېن روداس 15 يىل ئىلگىرى نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. 15 يىل جەريانىدا ئۇ كۆپ قېىتم دوختۇرخانىغا يېتىپ داۋالانغان، ھەرخىل داۋالاش لايىھەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ھەر قېتىم كېسىلى ئارزاق ياخشىلانغاندا، يەنە تۇيۇقسىزلا ئەسلىدىكىدىنمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن. ھازىر سىتېفېننىڭ (Stephanie Rodas) ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن دوختۇرخانىغا يېتىپ داۋالانماقتا.

سىتېفىن 13 ياشقا كىرگەن يىلى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئارىغا ئالماسلىقى سەۋەبلىك ناشتىلىق ۋە چۈشلۈك تاماق يېمەي ئورۇقلاش ئارقىلىق قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپتە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىكى سېمىز ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ زىلۋا ھەم چىرايلىق بولغان. ئۇ: «شۇ ۋاقىتتا مەن تۇنجى قېتىم مېنى ماختىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى «بەكلا چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەندىمۇ ئۆزۈمگە ئىشەنچ پەيدا بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا تاماقنى ئاز يېيىش مېنى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىدىغان بولغاچقا كۈندىلىك تامىقىمنى قاتتىق كونترول قىلدىم. بەدەن شەكلىمدىكى ئۆزگىرىش مېنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقۇش كېسىلىمنىمۇ تۈگەتتى» دېگەن.

سىتېفىن تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئانچە نورمال ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئۇ 17 ياشقا كىرگەن يىلى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا ئۇنىڭغا «نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى» دەپ دىياگنوز قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن سىتېفېن دوختۇرخانىدا ياتقان بىر ئاي جەريانىدا ئېغىرلىقى 8 كىلوگرام ئاشقان، دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا قوشۇلۇپ، كېسىلىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئېيتقان.

سىتېفىن: «داۋالىنىش جەريانىدا دوختۇر ھەر كۈنى يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېگۈزدى. بىراق، مەيلى ئۆيدە بولسۇن، مەيلى دوختۇرخانىدا بولسۇن، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ھېچكىم مېنىڭ كەيپىياتىمغا كۆڭۈل بۆلمىدى. شۇڭا مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتىپ قالدىم» دېگەن.

19 ياشقا كىرگەندە ئۇ ئىندىيانا ئىشتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان. ئۇ: «ئۇ ۋاقىتلاردا مەن باشقا بىمارلارغا ئوخشاشلا بېكىتىلگەن تاماقلارنى يېدىم، ھەرخىل سەنئەتلىك ۋە پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلدىم» دېگەن. بىراق، بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۈنلۈك چىقىمى 1200 ئامېرىكا دوللىرى بولغاچقا، ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ھەمدە سىتېفېننى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كېسىلى يەنە بىر قېتىم قوزغىلىپ قالغان.

كېيىن نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇش جەريانىدىكى ئالدىراش ۋە مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش ئۇنىڭ ئىشتىھاسىزلىقىنى ئۇنۇتتۇرغان. 2012-يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا باشلاپ، ئوزۇقشۇناس ۋە تۇرمۇش مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە يوگا دەرسىگە قاتنىشىپ، تۇرمۇشىنى نورماللاشتۇرماقچى بولغان. بىراق، بۇ ئىشلارنىڭ ئانچە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمىغان. 2017-يىلى 2-ئايدا سىتېفېن ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە ھوشىدىن كېتىپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە تولۇق 2 ھەپتە داۋالانغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 35 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.

بۇ ۋاقىتتا، سىتېفېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يەنە كۈنىگە 1000 دوللار چىقىم قىلىنىدىغان مەخسۇس داۋالاش ئورگىنىغا ئاپىرىپ بەرگەن. نۆۋەتتە، ئۇ توردا ئىئانە توپلاش ئارقىلىق داۋالاش ھەققىنى تۆلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. سىتېفېن ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئورۇقلىغىنىدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号