باش بەت

تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

569يوللانما
1مەستانە

تېسلا 50 مىڭدىن ئارتۇق توكلۇق ئاپتوموبىلىنى تورمۇز مەسىلىسى سەۋەبلىك يىغىۋالماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-21 11:32 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى 21-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 20-كۈنى توكلۇق ئاپتوموبىلىدىكى تورمۇز مەسىلىسى تۈپەيلى تېسلا 50 مىڭدىن ئارتۇق توكلۇق ئاپتوموبىلنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاساسلىقى Model X ۋە Model S ئىككى خىل تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىكەن.

ئامېرىكا لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر مەسىلىسى تۈپەيلى، قىسمەن تورمۇزلاردا مەسىلە ساقلانغان، بۇ توك ئاپتوموبىلنىڭ ماڭماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. تېسلانىڭ دېيىشىچە، بۇ كاشىلا ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولۇپ، ۋاقتىنچە بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلمايدىكەن، لېكىن يەنىلا مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇۋالىدىكەن.

تېسلا قايتۇرۇۋېلىنىدىغان ئىككى خىل تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى بۇلتۇر 2-ئايدىن 10-ئايغىچە ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي سانى 53 مىڭ بولىدىغانلىقىنى، لېكىن مۆلچەرلەنگەن مەسىلە بۇ ئاپتوموبىللار ئىچىدىكى %2 ئاپتوموبىلدا بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تېسلانىڭ دېيىشىچە، تورمۇز سىستېمىسى ئاساسلىقى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر مەسىلىسى ئىكەن، ئېنىق دېگەندە چىشلىق چاق ئىشلەپچىقىرىشتا مەسىلە كۆرۈلگەن. تېسلا قايسى تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ تورمۇز سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، تېسلاغا تورمۇز سىستېمىسى تەمىنلىگۈچى ئاساسلىق شىركەت ئىتالىيە Brembo شىركىتى ئىكەن.

قايتۇرۇۋېلىنىدىغان بۇ ئىككى خىل ئاپتوموبىل تىپى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا تەۋە، بۇلتۇر تېسلا جەمئىي 76 مىڭ Model X ۋە Model S ئاپتوموبىلى ساتقان.

20-ئاپرېل تېسلانىڭ پاي باھاسى %1 چۈشتى، مەھسۇلات قايتۇرۇۋېلىش خەۋىرى بەك چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلمىدى.

تېسلانىڭ ئاپتوموبىل تىپىغا نىسبەتەن كۆپچىلىك ئاساسلىقى ئاممىباب تىپتىكى Model 3كە كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى ئاران 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئادەتتىكى خەلقنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمال ئادىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتەلەيدىغان تۇنجى ئاپتوموبىل دەپ قارالماقتا. مەزكۇر ئاپتوموبىل تىپى 400 مىڭ دانە زاكاسقا ئېرىشكەن، تېسلا بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. بىراق تېسلا نۆۋەتتە يەنىلا نېۋادا ئىشتاتىدىكى باتارېيە زاۋۇتىنىڭ لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تەدىرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك ھەمدە مەبلەغ توپلاپ، Model 3 ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسى قۇرۇشى كېرەك.

مەھسۇلات قايتۇرۇۋېلىش ئاپتوموبىل ساھەسىگە نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ، بۇندىن بۇرۇن تېسلا كۆپ قېتىم مۇشۇنداق قىلغان. بۇلتۇر تۆتىنچى ئايدا 2700 دانە Model Xنى قايتۇرۇۋالغان، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئارقا ئورۇندۇقتا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان، لېكىن، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سېتىپ چىقىرىلغان بارلىق Model S ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇۋالغان، سەۋەبى بىخەتەرلىك تاسمىسىدا مەسىلە ساقلانغان. 2013-يىلى ئاپتوموبىل ئىشىكىدىكى مەسىلە تۈپەيلى بىر قىسىم Model S ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇۋالغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر تېسلانىڭ دۇنيادىكى تۇنجى شوپۇرسىز ھەيدەش سىستېمىسىدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، سىرتقى ساھەدىكىلەر تېسلانىڭ شوپۇرسىز ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلاندى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر شىركەت تېخنىكىنى تاۋارلاشتۇرۇش جەھەتتە زىيادە قانائەتلىنىپ قالغان. بىراق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەڭ ئاخىردا تەكشۈرۈش قارىشىچە، يۇقىرىقى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى تېسلانىڭ شوپۇرسىز ھەيدەش سىستېمىسىدا كاشىلا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىكەن، بۇ سەۋەبتىن ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋالمىسمۇ بولىدىكەن، بۇ نەتىجە تېسلانىڭ شوپۇرسىز ھەيدەش تېخنىكىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىغا ئىلھام بولدى.

تېسلا ئاللىبۇرۇن دۇنيادىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئاپتوموبىل تەتقىقاتىدىكى باشلامچى شىركەتكە ئايلاندى، تېسلانىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيا مىقياسىدا توك ئاپتوموبىلى، شوپۇرسىز ھەيدەش تېخنىكىسىغا بولغان بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى كۆتۈردى، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كەسپى بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابىغا دۇچ كەلدى، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن رول تۇتۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش تارىخى بارا-بارا ئۆتمۈشكە ئايلىنىشقا يۈزلەندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号