باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2651يوللانما
23مەستانە

رۇسىيەدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-22 14:51 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

رۇسىيەدىكى فېدېراتسىيە بىناسى موسكۋا دەرياسىنىڭ كىراسنوپلېنېسىك قىرغىقىدىكى چوڭ كوچىغا جايلاشقان بولۇپ A، B ئىككى مۇنار بار، بۇ ئىككى بىنا مەنزىرە لىفىتى ۋە ئۇل قىسىمى تەركىب تاپقان، يەر يۈزدىكى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 365 مېتىر، بىنانىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 509 مېتىر، ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا، شۇنداقلا پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا. 

2005-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى باش شىركىتى بىلەن رۇسىيە مىراكىس گۇرۇھى توختام ئىمزالاپ، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى گۇرۇھى فېدېراتسىيە بىناسىنىڭ A مۇنارىنى ياساشقا كېلىشكەن. A مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 354 مېتىر، 100 قەۋەت، توختام ئومۇمىي سوممىسى 58 مىليون دوللار (تەخمىنەن 399 مىليون 301 مىڭ يۈەن). 

فېدېراتسىيە بىناسى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى ياسىغان ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مەزكۇر شىركەتنىڭ رۇسىيەدىكى 1-ئەڭ چوڭ تۈرى، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى بۇ تۈرنى ناھايىتى تەستە قولغا كەلتۈرگەن. فېدېراتسىيە بىناسى موسكۋادىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى يۇقىرى ئون شىركەت بۇ تۈرنىڭ خېرىدارلىقىنى تالاشقان. ئاخىردا، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى رىقابەتچىلىرىنىڭ مەغلۇپ قىلىپ ئۈزۈپ چىققان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغان. 

رۇسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ ئۇدا 20 يىل تىرىشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ھەمدە ئۇدا ئون يىل دۇنيادىكى ئون چوڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى بولۇپ باھالانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ بىنانى جۇڭگولۇقلارنىڭ ياسىشىغا تاپشۇرسا خاتىرجەم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن. 

جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئېلىشتىكى مول تەجرىبىسى مەزكۇر تۈرگە خېرىدار بولۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ھۆددىگە ئالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شياڭگاڭ يېڭى ئايرودرومى، قاھىرە خەلقئارالىق يىغىن مەركىزى، ئالجىرىيە شېراتون مېھمانخانىسى، ئامېرىكا ۋەنخاۋ مېھمانخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى سالغان. 

2016-يىلى، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىناسىنى ئامېرىكا ئېگىز ئىمارەت ۋە شەھەر تۇرالغۇسى كومىتېتى 2016-يىلى ياسالغان دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئون ئاسمان پەلەك بىنا دەپ باھالىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号