باش بەت

جاھانكەزدى

14331يوللانما
5مەستانە

خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-23 14:24 0 ئىنكاس چۈشتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى، بېيجىڭ «بەيلى» كەسپىي ئىنستىتۇتىغا جاۋاب خەت يېزىپ، مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

«تىرىشىپ ئىشلەش، بىللە ئىشلەش»تەك سانائەت ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى، بېيجىڭ «بەيلى» كەسپىي ئىنستىتۇتىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى 77 يىلدا نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، سانائەت ھەمكارلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم باشلامچىسى، «بەيلى» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى لۇئىس ئەللى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى. ئەللى جۇڭگو خەلقى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جۇڭگودا 60 يىل خىزمەت قىلىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن يېڭى زېلاندىيە خەلقى ئارىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇردى. ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ، سىنو قاتارلىقلار بىلەن سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم 100 يىلدا». بېيجىڭ «بەيلى» كەسپىي ئىنستىتۇتى «جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچنى تەڭ ئىشقا سېلىش، ئىجادىي تەھلىل يۈرگۈزۈش»نى مەكتەپ تەلىمى قىلىپ، دۆلەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، پېشقەدەم مۇدىر ئەللى بىلەن خوگ تەشەببۇس قىلغان كەسپىي مائارىپ ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئىخلاس بىلەن تەربىيەلەپ بەردى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى، بېيجىڭ «بەيلى» كەسپىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئەللىنىڭ «تىرىشىپ ئىشلەش، بىللە ئىشلەش»تەك سانائەت ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، لۇئىس ئەللى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە ئەللىنىڭ جۇڭگونىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ھازىر جۇڭگو خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى زېلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەللىنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقئارا دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
لى يۈەنچاۋ سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى ئەللىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلدى.
جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى 1939-يىلى شياڭگاڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ۋە سانائەت ھەمكارلىق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. بېيجىڭ «بەيلى» كەسپىي ئىنستىتۇتى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە لۇئىس ئەللى قۇرغان «بەيلى» مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. يېقىندا جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى، بېيجىڭ «بەيلى» كەسپىي ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، خەلقئارا ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇش، ئەلئارا دىپلوماتىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغانىدى.


مەنبە: http://uyghur.xjdaily.com/47/33577.html

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号