باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى يولدىن چىققانلىق سەتچىلىكى سەۋەبلىك پارتىيەدىن چېكىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-23 16:24 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى 22-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يولدىن چىققانلىق سەتچىلىكى سەۋەبلىك پارتىيە ئىچىدە بېسىمغا ئۇچرىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ناكاگاۋا 21-ئاپرېل پارتىيەدىن چېكىنىشنى ئىلتىماس قىلدى.

ئاساخى خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى قاتارلىق ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى 21-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ناكاگاۋا تەۋە پارتىيەنىڭ ئۇنىڭغا بېسىم قىلىپ، پارتىيەدىن بالدۇرراق چېكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قوشۇلغان.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ناكاگاۋانىڭ يولدىن چىققانلىق سەتچىلىكى ئوردا ۋە ئاۋامنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنى قاتتىق تەنقىدلىشىنى پەيدا قىلغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بۇ ئىشنىڭ ئابې شىنزونىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا تېخىمۇ چوڭ زەربە بولۇشىدىن ھەم ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىگە تېخىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇنىڭ بىلەن ناكاگاۋاغا پارتىيەدىن «ئۆزلۈكىدىن» چېكىنىشىكە «نەسىھەت قىلىش»نى قارار قىلغان.

ناكاگاۋا 2012-يىلى ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، دادىسى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق باش ئىش بىجىرگۈچىسى. يولدىن چىقىش سەتچىلىكىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن ناكاگاۋا 18-ئاپرېل ئىقتىساد كەسىپ ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号