باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

دادا قىزى ئۈچۈن 9 مېتىرلىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئۆي ياسىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-23 18:26 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

61 ياشلىق بران فېررېن (Bran Ferren) مەلۇم داڭلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە لايىھەلەش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجادىي لايىھەلىگۈچى. شىركەتنىڭ خېرىدارلىرى ھەممىباپ ئاپتوموبىلچىلىقى، ئىنتېل ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ 4 يىل سەرپ قىلىپ بىر كونا يۈك ئاپتوموبىلىنى دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس ئاپتوموبىل ئۆيگە ئايلاندۇرغان.

بۇ ئاپتوموبىل ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 9.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 3 مېتىر، ئاپتوموبىلدىكى ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك زاپىسى فېررېن ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئۇدا 2 مىڭ ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 3220 كىلومېتىر) يۈرۈشىگە يېتىدۇ.

ھەيدەش بۆلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى بىر ئايروپىلاننىڭكىدىن قىلىشمايدۇ، كۆپلىگەن كۆرسىتىش ئەسۋابى ئاپتوموبىلنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر ياشانغان دادا كۆپ پۇل خەجلەپ ھەشەمەتلىك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق بىر ئاپتوموبىل ئۆي ياسىدى. ئۇ بۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ 4 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىشنى پىلانلىدى.

بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبىل ئۆيگە مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدىدىكى يول ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدۇ، 22 كامىرا ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، سىلكىنىشنى ئازايتىش ئاسما سىستېمىسىدا ھەتتا 45 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇقتا كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

كۈچەيتىلگەن بالون ئورنىتىلغانلىقتىن پاتقاق يول، تاشلىق يول ۋە تۈرلۈك يەر شەكلىدىكى يوللاردا ھەيدەشكە ماسلىشالايدۇ.

ئاپتوموبىل ئۆگزىسىدە بىر كۆزىتىش ئېغىزى قويۇلغان، ئىرماش-چىرماش تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ سىملىرى ۋە كۆزىتىش ئەسۋابلىرىغا تولغان.

بران فېررېن بۇ ئاپتوموبىلغا قىزىنىڭ كىراۋان (KiraVan) دېگەن ئىسمىنى قويدى.

بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبىلى ئۆيدە ھەتتا قىسقا يوللۇق قاتناش قورالى سۈپىتىدە بىر موتسىكىلىت بار بولۇپ، تاسادىپىي ئېھتىياجغا تەييارلانغان.

ئاپتوموبىل ئۆينىڭ ئىچكى بېزىلىشى چەكسىز ئەقلىيلەشكەن، ئۇنىڭدا بىر مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى مۇنچا ۋە ئىككى ھەپتىلىك ساياھەتكە يەتكۈدەك زاپاس بۇيۇم بوشلۇقى ۋە ئالاھىدە لايىھەلەنگەن ئاشخانا بار.

چوڭ تىپتىكى ئىككى كومپيۇتېر بران فېررېننى ھەر قانداق تەرەپنى كۆرەلەيدىغان ۋە كونترول قىلالايدىغان قىلغان، ھەيدەش بۆلمىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قاتار ئۆلچەش سائەتلىرىنىڭ سېزىمچان ئېكرانلىق كۆرسىتىش ئەسۋابىدا ئاپتوموبىلنى ۋە يول باشلاشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇ سەپەردىمۇ قىزىغا ئازادە مۇھىت ھازىرلاپ بەرمەكچى بولدى، ئوتتۇرىدىكى تاماق ئۈستىلىنىڭ كۆتۈرۈلۈش-تۆۋەنلەش ئىقتىدارى بار، ئارام ئالماقچى بولسا ئۇ كەڭرى، راھەت بىر كارىۋاتقا ئايلىنىدۇ.

ئاپتوموبىل ئۆينىڭ بىر تەرىپى ئاشخانا، بوشلۇقنى تىجەش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئاشخانىلاردا يوشۇرۇن لايىھە قوللىنىلىدۇ، ئىشلەتكەندە «تارتىپ» چىقىرىشقا بولىدۇ.

ئاپتوموبىلدىكى يورۇق ئاشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号