باش بەت

durdana

1644يوللانما
102مەستانە

بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەقلىي قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى 10 ئادەم

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-04-24 23:13 0 ئىنكاس چۈشتى

تاۋ جېشۈەن، ئۇ ئاۋىستىرالىيەدىكى نامى بار جۇڭگولۇق ماتېماتىك، ئىلگىرى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتالغان فېلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 10 نەچچە يېشىدىن باشلاپ خەلىقئارالىق ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئەقىل بۆلۈنمىسى 230 غا يېتىدۇ.

Christopher Hirata، ئۇ كالىفورنىيە سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ياردەمچى پىروففېسورى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقلى بۆلۈنمىسى 225 كە يېتىدىكەن. دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 13 ياش ۋاقتىدا خەلقئارالىق ئولىمپىك فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ قالغان.

جىن شىيوڭروڭ، بالىلىق ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 210 غا يەتكەن. تېخىمۇ قالتىس يېرى شۇكى، ئۇ 5 ئايلىقتىلا مېڭىپ، سۆزلىيەلىگەن، 7 ئايلىقتا خەت يېزىپ، شاھمات ئوينىيالىغان. 3 يېشىدا دىففىرىنسىيال ئۆگەنگەن. 4 يېشىدا ناھايىتى راۋان ھالدا ياپونچە، كورىيانچە، ئىنگىلىزچە، گېرمانچە ئوقۇپ، يازالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن.

Rick Rosner، ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 192 گە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنداق يۇقىرى ئەقلىي سەۋىيىسى بار ئادەم تېلىۋىزىيە سىنارىستى بولغان.

Garry Kasparov، ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 190، ئۇ داڭلىق خەلقئارالىق شاھمات ئۇستىسى.

James Woods، ئەقىل بۆلۈنمىسى 180 گە يېتىدۇ، ئۇ ھوللىۋود ئاكتىيورى بولۇپ، ۋەكىل خاراكتېرىلىك ياخشى فىلىملىرى بار.

Sir Andrew John Wiles ، ئەقىل بۆلۈنمىسى 170، ئۇ ئەنگىلىيەلىك ماتېماتىك، ماتېماتىكا ساھەسىدە نۇرغۇن نەتىجە ياراتقان.

Judit polgar، ئەقىل بۆلۈنمىسى 170، ئۇمۇ بىر خەلقئارالىق شاھمات ئۇستىسى.

Paul Allen، ئەقىل بۆلۈنمىسى 170، ئۇ بىل گەيتىس بىلەن بىللە شىركەت قۇرغان، ئۇ ھازىر نەچچە يۈز مىلىيون پۇلى بار مىليونىر.

سىتىۋىن ۋىلىيام خاۋكىڭ، ئەقىل بۆلۈنمىسى 160، بۇ ئادەمنى كۆپچىلىك ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ، ئۇنى نىيوتۇن ۋە ئېينىشتىيىندىن قالسا فىزىكا ساھەسىدە ئەڭ تەسىرىگە ئىگە شەخىس دېيىشكە بولىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号