باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

ئەنگلىيەدىكى «كۈچتۈڭگۈر» ھامىلدار ئايال ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25 15:55 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

25-ئاپرېل (كونكرېت تارتىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس). ئەنگلىيە نېۋكاستلدا بىر بولغۇسى ئانا بولۇپ، ھامىلدار بولغىنىغا 38 ھەپتە بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتا.

30 ياشلىق بولغۇسى ئانا سامانتسا دانې تەن ساپاسى مەشىقى قىلىشنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئالاھەزەل بىر يىل ئىلگىرى ئۇ بولغۇسى يولدىشى لې بىلەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلغان. ھامىلدار بولغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، تەن ساپاسى مەشىقىنى توختىتىپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلغاچ، سۆڭەك ساغلاملىقى ھەمدە پۇت، دۈمبە ۋە يۈرەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. ئۇ بىر ھەپتىدە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە، ئاز بولغاندا 2 قېتىم مەشىق قىلىدىغان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشچە ھامىلدار ۋاقىتىدا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشنى ئويلاش بىلەن بىرگە يەنە مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش كېسىلىنى يېنىكلەتمەكچى بولغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号