باش بەت

gulbar111

51يوللانما
0مەستانە

يولدىشى ئاشنا ئوينىغان ئايالمۇ ئاشنا ئويناپ ئوخشاش ئۇسۇلدا يولدىشىدىن ئۆچ ئالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25 22:28 0 ئىنكاس چۈشتى

 لىن زى سىرتتا يات جىنسلار بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بوپ قالغاندىن بۇيان، ئۆزنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى ئايالىدىن يوشۇرۇش مەقسىتىدە ئوغرىدەك تىمسىقلاپ يۈردى، شۇنداقلا بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا ئۇرۇندى، ۋاھالەنكى ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلمىشلىرى ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دىققەت نەزىرىنى قوزغىدى، ھەر قېتىم ئايالى لىن زىدىن گۇمانلانغاندا، ئۇ شۇنداق ئۇستلىق بىلەن قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالدى، بولۇپمۇ ئايالى لىن زىنىڭ مەخپىي پېيگە چۈشۈپ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تاپالمىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىپ چاندۇرماسلىقىدەك نەتىجىسگە نسبەتەن تېخىمۇ زور ئىشەنچىسنى ئاشتى. ئايالى بەزىدە گۇمانلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرگەندە، لىن زى بىر ئاماللارنى قىلىپ باھانە كۆرسىتەتتى، ئەپسۇس، لىن زى ئايالىنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسنىڭ بۇنچىۋالا توغرا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمىگەنىدى، ئايالى لىن زىنى چوقۇم سىرتتا يات جىنسلار بىلەن غەيرىي مۇناسۋىتى بار دەپ جەزىملەشتۈرۈپ بولغان ئىدى.

كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى بارغانسىرى غۇۋالىشىشقا باشلىدى، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن سوقۇشىدىغان بۇ ئائىلە، يولدىشى لىن زىنىڭ سىرتتا يات جىنىسلار بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى بايقىغاندىن باشلاپ ئەكىسچە تىمتاسلىققا چۆمدى، ھەتتا ئۆز-ئارا جېدەل ماجىرا قىلىشنىڭ ئورنىغا، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى باشلىدى، ھېچكىم بىر-بىرى بىلەن كارى بولمىدى، لىن زى سىرتتا ئاشنا ئويناپ يۈرۈپ، ئائىلسىنىڭ بۇ خىل بىنورمال ھالىتىگە دىققەت قىلىشقا تۈگۈل، ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا سىرتتىكى ناتوغرا مۇناسۋىتىنى داۋام ئەتتى. ھالبۇكى، لىن زى بۇ جەرياندا ئايالىنىڭمۇ پات-پات سىرتتا بولدىغان ۋاقتىنىڭ كۆپلەپ قالغانلىقنى بايقىدى.

لىن زى ئايالىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ، ئوغۇرلۇقچە ئۇنىڭ پېيىگە چۈشتى، ئەپسۇس، ئايالى ئۇنىڭغا قۇيرۇقنى تۇتقۇزماقتا يوق، بىر تال يىپ ئۇچىغىمۇ ئېرىشەلمىدى. بۇ ئەھۋالدىن ئاچچىقلانغان لىن زى ئايالىنى ئەيىبلەپ سوئال سورىغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئايالى شۇنداق ئەركىن ھالدا «مەن پەقەت سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلدىم» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

لىن زى ئايالىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ قۇيرۇق تۇتقۇزمىغانلىقىدىن دەپ ئويلىدى، ئەپسۇس، ئايالى ئۇنىڭدىن قاتتق ئۈمىدسىزلەنگەنىدى، شۇڭلاشقا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يولدىشدىن ئۆچ ئالغانىدى. 

نىكاھ مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولىدۇ، بىر تەرەپ ئوغۇرلىقچە سىرتتا ئاشنا ئويناپ تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. (بۇ دېگەنلىك يولدىشىڭىز ياكى ئايالىڭىز ئاشنا ئوينىسا، سىزمۇ ئۆچ ئېلىش ياكى تەڭپۇڭ بولۇش مەقسىتدە ئاشنا ئويناڭ دېگەنلىك ئەمەس. ت) مۇھەببەت نىسپىي بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسسياتىنى ئويلاشماي قالسىڭىزمۇ چوڭ مەسىلە سادىر بولمايدۇ، بىراق نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۆز- ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەيلى سىز قانداق ئادەم بولۇڭ، نىكاھتىن ئىبارەت بۇ تۇرمۇش سەپىرىڭىزدە ئازغىنە تاتلىق ھاياتتا ئۆز نىكاھ ھەمرايىڭىزغا مېھرىڭىزنى بېرىڭ، تۇرمۇشڭىزنى ئىللىق ھېسلار بىلەن بېزەڭ، قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۆز- ئارا كۆيۈنۈش، چۈشىنىش بولغاندىلا بۇ ھايات ئاندىن ھەققىي مەنىسنى تاپقۇسى!

قېنى سىز بۇلارنى قىلالادىڭىزمۇ؟ 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号