باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

بىرمىدىكى يۈزلىگەن كىشى ئالتۇن كان تومۇرىدىن ئالتۇن كولىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-26 20:00 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرما ساگائىڭ كاۋلىن بازىرى رايونىدىكى بىر كەنت ئاھالىسى خالاۋاڭ كەنتىنىڭ ئەتراپىدىكى پانكارد تېغىدا بىر ئالتۇن كان تومۇرىنى بايقىغان. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن تەڭلا، شۇ جايدىكى نەچچە يۈزلىگەن كەنت ئاھالىسى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، تاغقا چىقىپ ئالتۇن قازماقچى بولغان. نۆۋەتتە كەنتتىكىلەر تەخمىنەن 1.5 مېتىرچە كولاپ بولغان. بەزىلەر ھەتتا ئالتۇن قېزىپ چىقىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىگەن. ئەلۋەتتە، ئالتۇن تاپالىسا ئۇلارنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ. بىراق كەنتتىكىلەر پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن يەرنى كولاۋاتقاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يېتىپ كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ رايوندا ئالتۇن كان تومۇرى بايقالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەمۇرى، ساقچىلار بىرلىشىپ ھەمكارىلىشىپ، 24-ئاپرېل مۇشۇ رايونغا كېلىپ تەكشۈرگەن. بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يېڭىدىن بايقالغان ئالتۇن كان تومۇرى رايونىدا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا كەنتتىكىلەرنىڭ ئالتۇن كان قېزىش داۋامىدا توقۇنۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ۋاقىتلىق بۇ ئالتۇن كاننى تاقاپ، كەنتتىكىلەرنىڭ داۋاملىق ئالتۇن قېزىشىنى چەكلىگەن.

 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号