باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

ئالاقە شىركەتلىرى تولۇقلىمىنى بىكار قىلغاچقا، يانفون ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-26 19:02 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئەقلىيفون بازىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەدرىجىي تويۇنۇپ قېلىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يانفون كەسپىدە يەنە بىر يېڭى خەۋەر چىققان، يەنى يانفون چوڭ دۆلىتى ئامېرىكىدا خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى تولۇقلىمىنى بىكار قىلغان بولغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى يانفون سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تېخىمۇ بەك تەسىر كۆرسەتكەن. 

نۆۋەتتە د ئەقلىيفونلار سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ، بىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىقتىدار يانفونى تەدرىجىي ھالدا ئەقلىيفونغا ئالمىشىپ، جۇڭگودىكى يانفون كارخانىلىرى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. يەنە بىر جەھەتتە ياۋروپا-ئامېرىكىدەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى يانفون ئابونتلىرى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان يانفونلارنى سېتىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. 

ئامېرىكا بايلىق تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىسى AT&T بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا يانفون كەسپىدىكى ئادەمنى خاتىرجەمسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلانغان. 

AT&Tنىڭ بىلدۈرۈشىچە بىرىنچى پەسىلدە ئاران %3.9 ئايغا بۆلۈپ پۇل تۆلەپ يانفون سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارلا يېڭى يانفون ئالماشتۇرغان، بۇ نىسبەت ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى %5تىن كۆپ تۆۋەن، شۇنداقلا AT&T ئۇچرىغان تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن يانفون ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ. 

AT&Tنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى John Stephensنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ئىستېمالچىلار يانفون ئالماشتۇرۇش تەننەرخىنى ئەڭ يېڭى ئۇسۇلدا چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. 

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەيلى جۇڭگودا بولسۇن ياكى ئامېرىكىدا بولسۇن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى بىكار قىلغان بولغاچقا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەقلىيفون ئالماشتۇرۇش ياكى سېتىۋېلىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئاشقان. مەسىلەن ئامېرىكىدىكى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ ئابونتلىرى ئالما يانفونى سېتىۋالغاندا ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا ئوخشاش 650 دوللار خەجلەيدۇ، ئەمما خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئايغا بۆلۈپ تۆلەشنى يولغا قويدى. 

تارىختا خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى مول مەزمۇنلۇق تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقارغان بولۇپ، پارچە سېتىلىش باھاسى 650 دوللار بولغان ئالما يانفونىنى ئىككى يىللىق خەۋەرلىشىش كېلىشىمى تۈزۈش ئارقىلىق 200 دوللارغا سېتىۋالغىلى بولاتتى، ئىقتىسادىي يۈكى يېنىك ئىدى (ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 3500 دوللار ئەتراپىدا.)

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ تولۇقلىمىنى بىكار قىلىشى يانفونغا بازىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بىر قىسىم ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك يانفون ئالقىشقا ئېرىشىشكە باشلىغان. 

AT&Tنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن ئىستېمالچىلار ھازىرقى ئەقلىيفونلارنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك، يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن يانفونلارنىڭ ئىقتىدار ئۆزگىرىشىنى يۇمشاق دېتال يېڭىلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号