باش بەت

del103

4010يوللانما
30مەستانە

تېسلا Model S ئەمدى ئەڭ بىخەتەر ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئەمەس

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-26 22:23 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ژورنال «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» (Consumer Reports) ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، تېسلا Model S توكلۇق ئاپتوموبىلى ئاللىقاچان «ئەڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل» دېگەن نامدىن ئايرىلىپ قالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە «دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل» تۈرىدە تېسلا Model S ئاپتوموبىلى نۆۋەتتىكى ئەڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل ئەمەسكەن، سەۋەبى ئۇنىڭغا جىددىي تورمۇز ئىقتىدارى سەپلەنمىگەن، بۇ تېسلا ئىلگىرى ئابۇنتلىرىغا ۋەدە بەرگەن ئەڭ ئاساسلىق سەپلىمە ھېسابلىناتتى.

دوكلاتتا كۆرسىىتلىشىچە، Model S بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاللىقاچان 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لېكساس LS ئاپتوموبىلى (Lexus LS) بىلەن BMW 7 Series ئاپتوموبىلى ئىكەن.

تېسلا بۇنىڭغا قارىتا بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يۇمشاق دېتال يېڭىلاش ئۇسۇلىدا ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى ھەپتە تېسلا شىركىتى 53 مىڭ دانە Model S ۋە Model X توكلۇق ئاپتوموبىلىنى يىغىۋالغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىللاردىكى توختىتىش تورمۇزى (قول تورمۇز)دا كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئوڭشايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى 10-ئايدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان Model S ئاپتوموبىللىرىغا ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز ئىقتىدارى سەپلەنگەنكەن. تېسلانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشلەپچىقىرىلغان Model S ئاپتوموبىللىرىغا بۇ خىل ئىقتىدارى قوشۇلمىغان بولۇپ، بۇنىڭغا يۇمشاق دېتال مەسىلىسى سەۋەبچى بولغان.

نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل كارخانىلىرى كەلگۈسى تۆت يىلدا داۋاملىق تۈردە ئەڭ بازارلىق ئاپتوموبىل تىپىغا ئۆلچەملىك ھالىتىدە ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز ئىقتىدارى سەپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۈملىدىن تويوتا شىركىتىنىڭ كاروللا ئاپتوموبىلىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

«ئىستېمالچىلار دوكلاتى» ژۇرنىلىنىڭ دېيىشىچە تېسلا بارلىق Model S ئاپتوموبىلىغا ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز ئىقتىدارىنى سەپلىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا قارىتا قايتىدىن باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号