باش بەت

رۇشەن

2837يوللانما
147مەستانە

چاۋشيەن پىيوڭياڭدا بېنزىن بىلەن تەمىنلەشكە ئومۇميۈزلۈك چەك قويۇلدى، ماي باھاسى %70 ئۆستى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-27 09:07 0 ئىنكاس چۈشتى

ماتېرىيال سۈرىتى: چاۋشيەن نېفىت ئىشلىتىشتە ئىمپورت قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغان بولغاچقا، بەزى ئاپتوموبىللار ياغاچ كۆمۈر ياكى كۆمۈر بىلەن كۆمۈر گازى ھاسىل قىلىنىدىغان «كۆمۈر گازى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل»لارغا ئۆزگەرتىلدى.


«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

25-ئاپرېل چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىق خاتىرە كۈنى، 28-ئاپرېل ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن ئاچىدۇ. بۇ بىر نەچچە ۋاقىت نۇقتىسىنىڭ ئالدى-كەينى چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغان، ھەتتا يادرو بومبىسى سىنىقى قىلىپ ئامېرىكا ۋە كورېيەنىڭ تەھدىتىگە قايتۇرما زەربە بېرىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتا، دەپ قارالدى.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئارمىيە بايرىمى كېلىش ئالدىدا چاۋشيەن بەلكىم يېڭى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى مۇمكىن، كورېيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ». كورېيە ئارمىيەسى چاۋشيەننىڭ ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مۇداپىئە يۈزلىنىشىنى كۈچەيتتى. كورېيە بىلەن ئامېرىكا PR-16 رازۋېتكا ئايروپىلانى، U-2 يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. كورېيە ئارمىيەسىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ ئىيتىشىچە، ھازىر چاۋشيەننىڭ «ئىغۋاگەرچىلىك» ھەرىكىتى ئالامەتلىرى تېخى بايقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىش ئىمكانىيىتى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن. كورېيە ئارمىيەسىنىڭ يەنە بىر مەسئۇلىنىڭ ئىيتىشىچە، چاۋشيەن يېقىنقى مەزگىلدە تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش قاتارلىقلاردەك «تۆۋەن سىجىللىقتىكى ئىغۋاگەرچىلىك» ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن.

كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 24-ئاپرېل كورېيە ئارمىيەسىنىڭ يېرىم ئارال دېڭىز تەۋەسىگە قاراپ ھەيدەلگەن ئامېرىكىنىڭ «كارل ۋېنسون» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇ يەنە كورېيە ۋە ئامېرىكىنىڭ 26-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا 11-قېتىملىق كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە دۆلەت مۇداپىئەسى كېڭىشىش مېخانىزمى يىغىنى چاقىرىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق ئېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلغاچقا، ئىككى تەرەپ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىدىغان بولۇپ، بۇنى كورېيە-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ چاۋشيەن يادرو سىنىقى مەسىلىسىگە قارىتا تولۇق ۋە مۇكەممەل تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقى، دېيىشكە بولىدۇ.

«كارل ۋېنسون» ناملىق ئاۋىئاماتكا نىشانغا خاتا مېڭىش ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن يېرىم ئارالنىڭ دېڭىز دائىرىسىگە يېقىنلاشتى. كورېيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «كارل ۋېنسون» ناملىق ئاۋىئاماتكا 27- ياكى 28-ئاپرېل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، خەۋەردە يەنە گەرچە ھازىر چاۋشيەن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى «سۇغا دەپنە قىلىش»قا تەييارلانغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا تەھدىت سالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ نۆۋەتتە تېخى ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى سۇغا غەرق قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. كورېيە دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇنبىرى تەتقىقاتچىسى شىن جوڭيۈ بىپايان دېڭىزدا داۋاملىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئاۋىئاماتكىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، پاراخوتقا قارشى تىرايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇشتىن سىرت، يەنە ئاۋىئاماتكىنىڭ ئىز-دېرىكىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قوشۇمچە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى، لېكىن چاۋشيەننىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

چاۋشيەن «كارل ۋېنسون» ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ھەقىقىي يېقىنلاشقانلىقىغا قارىتا بوش كەلمىگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە كورېيە ۋە ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ كەلگەن چاۋشيەن تاراتقۇلىرى 24-ئاپرېل يەنە بىر قېتىم «ھۆركىرىدى». چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»نىڭ 24-چېسلادىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا سەگەكلىك بىلەن شۇنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى كېرەككى، شەرقتىكى يادرو جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت ئالدىدا، ئاتالمىش يادرو ئېنېرگىيىلىك ئاۋىئاماتكا زەربىدار توپىنى ئەۋەتىش پەقەت قۇرۇق ھەيۋە قىلىپ ھەپىلىشىشتۇر. ناۋادا دۈشمەن قاراملىق بىلەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا، چاۋشيەننىڭ ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلىرى دەرھال ئۇنىڭغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، چاۋشيەنچە يادرو قوراللىرى ئارقىلىق زەربە بېرىش ئۇرۇشى بىلەن يادرو ئۇرۇشىغا جاۋاب بېرىدۇ».

«ئەمگەك خەۋەرلىرى» شۇ كۈنى يەنە «كىم ئېرسىن-كىم جوڭئۇن مەسلىكى ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى»نىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە كورېيەنى چاۋشيەنگە «يېنىكلىك ۋە قاراملىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىق»قا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ماقالىدە يەنە ئەگەر دۈشمەن سەللا ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى قىلسىلا، چاۋشيەننىڭ «بىر تىنىقتىلا جەنۇبىي چاۋشيەن (كورېيە)نى ئازاد قىلىدىغانلىقى ھەمدە تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى رەزىل ئىمپېرىيە لاگىرىنى پۈتۈنلەي خارابىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان»لىقى ئېيتىپ ئۆتۈلۈپ، ھەممە جەڭدە غالىب يادرو قورالىغا ئىگە بولغانلىقى، يەنە يادرو بومبا بىلەن قوراللانغان 5 مىليون ياش قوشۇن ناۋادا بىرلا ھۆركىرىسە پۈتۈن يەر شارىنىڭ پارتلاشتىن پارە-پارە بولۇپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پىيوڭياڭنىڭ كوچىلىرى بۇ ئىككى كۈندە يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش تىنچ بولدى، لېكىن 24-ئاپرېل پىيوڭياڭدىكى ھەر قايسى چوڭ ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بېنزىن بىلەن تەمىنلەشكە چەك قويۇشقا باشلىدى، بەزى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشتىن توختىدى. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرى شۇ كۈنى دېپلوماتىيە ئۆمىكى ماي قاچىلاش پونكىتى، يەتتە يۇلتۇز ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە كوريو ئاۋىئاتسىيە ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق نۇرغۇن ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ ھەممىسىدە ئوخشاشلا بېنزىن سېتىۋالالمىدى. چۈنكى دېپلوماتىيە ئۆمىكى ماي قاچىلاش پونكىتى نۆۋەتتە پەقەت دېپلوماتىيە ئاپتوموبىللىرىنىلا بېنزىن بىلەن تەمىنلىسە، يەتتە يۇلتۇز ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە كوريو ئاۋىئاتسىيە ماي قاچىلاش پونكىتى پەقەت قولىدا مۇشۇ ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ بېنزىن بېلىتى بارلارنىلا بېنزىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن؛ ئالدىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان داچېڭ ماي قاچىلاش پونكىتى بىراقلا ئىشتىن توختىغان بولۇپ، دەرۋازىسى چىڭ تاقالغان. كوريو ئاۋىئاتسىيە ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ماي ئىسكىلاتىغا يېڭى بېنزىن كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ماي بىلەن تەمىنلەش كونكرېت قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ئۇلارغىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق جۇڭگو مەبلەغ سالغان بىر ئاپپاراتنىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ چاۋشيەندە خىزمەت قىلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ باقمىغان. زاپاس بېنزىن باكى بولمىغاچقا، ھازىر يەنە ماي قاچىلىغىلى بولمىغاچقا، پەقەت ئاپتوموبىلنى ئامال بار ئاز ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.

نۆۋەتتە يەنىلا چاۋشيەندە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ 22-چېسلا پىيوڭياڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇنداق دېيىلدى: «پىيوڭياڭ شەھىرى ئىچىدىكى بېنزىن تەمىناتىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئالدىدا ماي قاچىلىماقچى بولغان ئاپتوموبىللار ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى». يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پىيوڭياڭدىكى ماي باھاسى شىددەت بىلەن %70 ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، ھەر بىر كىلوگرامى 70~80 سېنتلىق بېنزىن باھاسى جىددىي ئۆرلەپ كىلوگرامىنىڭ باھاسى 1.25 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى (چاۋشيەننىڭ ماي قاچىلاش بىرلىكى لىتىر ئەمەس، بەلكى كىلوگرام). خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر پىيوڭياڭدا بېنزىن سېتىشقا چەكلىمە قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى جۇڭگونىڭ ماي بىلەن تەمىنلەشنى ئازايتقانلىقىدىن ياكى ماي بىلەن تەمىنلەشنى ئازايتىشقا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن ئىكەنلىكى تېخىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号