باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

ئالمىنىڭ دۇبەيدىكى يېڭى دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-28 12:11 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋېيفېڭ تورىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما شىركىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۈچىنچى پارچە سېتىش دۇكىنى شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، ئالما شىركىتى ئورگان تورىدا بۇ يېڭى دۇكاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيو ۋە سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى.

ۋىدىيودىن قارىغاندا، بۇ دۇكان ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇلدار دۆلەتنىڭ ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان ئالما دۇكىنىمۇ «ھەشەمەت» ئېلېمېنتلىرىغا تويۇنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن بۇ پارچە سېتىش دۇكىنىغا ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر كېلىدىغان ئەگمە ئەينەك ئىشلىتىلگەن، كىشىلەر بۇ جايدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېتلىپلا قالماي، يەنە يەرشارىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولغان، ئېگىزلىكى 2717 فۇت (تەخمىنەن 828 مېتىر) كېلىدىغان خەلىفە مۇنارى ۋە دۇبەي فونتانىنى كۆرەلەيدۇ. 

ئالمىنىڭ بۇ دۇبەيدىكى يېڭى پارچە سېتىش دۇكىنىنى يەنىلا ئەنگىليەلىك قۇرۇلۇش مۇلازىمەت ئورنى، ئالمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك شېرىكى Foster Partners ئۈستىگە ئالغان ھەمدە «قۇياش قانىتى» دەپ ئاتالغان 18 دانە نۇر توسقۇچى تاختىنى ئۆزئىچىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى 37.5 فۇت، ئۇنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتچان تەڭشەشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بۇ نۇر توسقۇچى تاختا ھاۋا زىيادە ئىسسىق بولغان ۋاقىتتا قۇياش نۇرىنى ئاپتوماتىك توسىدۇ، ئاندىن كېچىدە ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇكان ئىچىدە يەنە ئالما يېڭىدىن چىقارغان «Today at Apple» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، ئۇنىڭدا سۈرەت ۋە ۋىدىيو، مۇزىكا، پىروگرامما، سەنئەت ۋە لايىھە قاتارلىقلار باش تېما قىلىندى. 



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号