باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

فىرانسىيە زۇڭلىسىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوغرى كىردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-28 13:48 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە زۇڭلىسى كازىنېفنىڭ پارىژدىكى ئۆيىگە نامەلۇم گۇماندار ئوغرىلىققا كىرگەن، لېكىن ئۇنىڭ ئىشخانىسى سەزگۈر ھۆججەت ئوغرىلانمىغانلىقىنى ئېيتقان.

كازىنېفنىڭ ۋەكىلى: «زۇڭلى بۇرۇن تۇرالغۇسىغا دائىمىي قوغدىغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرماسلىقنى بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان، چۈنكى ئۇ مەملىكەتتە تېررورلۇق تەھدىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئەھۋالدا ساقچى كۈچى يېتەرلىك بولدى دەپ قارىغان، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا تۇرالغۇدا زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىجىرىشىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ھۆججەت يوق ئىكەن» دېدى.

لېكىن ئوغرىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرى كۈچەيتىلدى.

ئۇنىڭ ياردەمچىسى يەنە تولۇقلاپ ئىسپات گۇماندار بۇ ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دېدى. ئىگىلىنىشىچە، ئوغرىلىق مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن، لېكىن تاراتقۇلار بۇ ئۇچۇرغا 27-ئاپرېل ئېرىشكەن.  

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئۆيىدىن بىر قىسىم خۇسۇسىي بۇيۇملارلا ئوغرىلانغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号