باش بەت

del103

4007يوللانما
30مەستانە

ئىستېمالچىلارنىڭ تۆۋەن باھاسىدىن كىيىن تېسلا ئاخىرى ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز سىستېمىسىنى ئېچىۋەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-30 10:46 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 30-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا تېسلانىڭ Model S ۋە Model X تىپلىق ئىككى خىل ئاپتوموبىلىنىڭ «ئىستېمالچىلار دوكلاتى»دا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تېسلانىڭ ئاپتوماتىك جددىي تورمۇز سىستېمىسىنى ئېلان قىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىنمۇ يەنىلا يۇقىرىقى ئاپتوموبىللىرىغا سەپلىمىگەنلىكى بولدى. بەلكىم ئىستېمالچىلار بەرگەن تۆۋەن نومۇرنىڭ بېسىمىدىن بولسا كېرەك، تېسلا بۈگۈن بۇ ئىقتىدارنى بىر قانچە خىل ئاپتوموبىل تىپىغا قارىتا رەسمىي ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى، ئەمما سائەتلىك سۈرئىتى 45 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدىلا ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.

26-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئاساسلانغاندا، تېسلا بۇ سىستېمىنى قوزغاتمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىستېمالچىلارنىڭ تۆۋەن باھاسىغا ئېرىشكەن. تېسلا ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز سىستېمىسىنى بۇلتۇر 10-ئايدا ئېلان قىلغان، ئەمما ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنىدى.

«ئىستېمالچىلار دوكلاتى» ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، تېسلا ئاپتوماتىك تورمۇز سىستېمىسىنى يېڭىلىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئىستېمالچىلار سۈرئەت چەكلىمىسىنىڭ ئاران 45 كىلومېتىر ئىكەنلىكىدىن سەل نارازى بولدى، بۇ بۇلتۇر 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان 145 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتىن خېلىلا پەرقلىنەتتى. تېسلا شىركىتى بىر قەدەر تۆۋەن سۈرئەت چەكلىمىسىنىڭ دەسلەپكى پىلان ئىكەنلىكى، كېيىنچە سۈرئەت چەكلىمىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号