باش بەت

نۇسرەتگۈل

10527يوللانما
187مەستانە

جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى سېلىپ، رېمونت قىلدۇرغان دارېلئېتام ياتىقى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-04-30 18:24 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا خەۋەرلەر تورى 30-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ بېرمىنىڭ شىمالىدىكى كاچىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى مىتكىيىنادىكى ئىككى دارېلئېتامغا سېلىپ بەرگەن ياتاق بىناسى 28-ئاپرېل رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 

جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوڭ لياڭ، بېرما كاچىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى دىڭلۇن ۋە كاچىن ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئەمەلدارلار قاتناشقان.

جۇڭگونىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان بۇ 2 مەكتەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا «مېھىر-مۇھەببەت يېتىم بالىلار مەركىزى» (Love Orphan Center) بىلەن «ساخاۋەت باغچىسى» (Grace Happy Land) دارېلئېتامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يېڭى ياتاق بىناسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوڭ لياڭ ياتاق بىنالىرىغا تىرانسفورماتورى ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغانلىقىنى، ياتاق شارائىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭ لياڭ: «كاچىن ئۆلكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسى بىلەن بولغان چېگرىسى ناھايىتى ئۇزۇن. بۇ جايدىكى كاچىنلار بىلەن جۇڭگودىكى جىڭپولار يىلتىزداش، دوستلۇقى چوڭقۇر. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كاچىن ئۆلكىسىدىكى خەلق ھېلىھەم ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە تۇرماقتا. شۇ سەۋەبتىن جۇڭگو-بېرما چېگرىسىنىڭ مۇقىملىقىمۇ مەلۇم دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىماقتا. بۇ دارېلئېتاملاردىكى بالىلار دەل مۇشۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم بولۇپ قالغان. تىنچلىق بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ. جۇڭگو ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىكى تۈرتكىلىك تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، بېرما بىلەن كاچىن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، بېرما بىلەن كاچىن جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، شۇنداقلا مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىشلىرىغا كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

بۇ 2 دارېلئېتامدا سېلىنغان ۋە رېمونت قىلىنغان ياتاقلار جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قۇرغان «جۇڭگو-بېرما دوستلۇق مەكتىپى» تۈرىنىڭ يېقىندا تاماملانغان قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号