باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
416مەستانە

بىپەرۋا ئەر ئايالىنى مۇلازىمەت رايونىدا ئۇنتۇپ قالدى، ئايال يولدىشىنىڭ يانفون نومۇرىنى دەپ بېرەلمىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-05 21:56 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2-ماي، بىر ئايال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا خەلق ساقچىلىرىدىن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چىققاندا، يولدىشنىڭ ئۆزىنى ئالماستىن كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. ساقچىلار تېلېفون ئۇرۇش ئارقىلىق يولدىشى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئېيتقاندا، بىراق ئايالى ھەتتا يولدىشىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ھەمدە ئۆيىنىڭ ماشىنىسىنىڭ نومۇرىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالغان ساقچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كۆزەتكۈ ئارقىلىق ماشىنىنى تاپقان.

«ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ ئىنكاسلىرى:

 1: ئايالنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى خېلىلا ياخشىكەن، ھە نېم بولسا يولدىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدىكەن.

2. مەنمۇ ئايالىمنىڭ يانفون نومۇرىنى بىلەيمەن، چۈنكى مەن تېخى ئۆيلەنمىگەن.

بەك ئورۇق ئادەملەرنى ئەندىشىگە سالىدىغان پارچە.

ئورۇق، زىلۋا بەدەنگە ئېرىشىش ھەممە قىزلارنىڭ ئارزۇسى، ھازىر ئەرلەرمۇ بەدەن قىياپىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولدى. ھەتتا بەزىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي، تاماق يېمەسلىك، ماي تارتقۇزۇش، ئۇكۇل ئۇرۇش... قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان بولۇپ كەتتى. بىراق كورېيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسېتىتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئادەم زىيادە ئورۇق بولسا، بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن. چۈنكى يېمەكلىك ئىشتىھاسىنى كونىترول قىلىش سەۋەبلىك ئادەم بەدىنىدىكى ئورگانىزىملار زىيادە قالايمىقانلىشىپ، ئاسانلا پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ قوبۇل قىلىنغان ماي يېتەرلىك بولمىسا، نېرۋا ھۈجەيرىسىمۇ ناھايىتى تېزلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

«ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ ئىنكاسلىرى:

1. قايغۇراي دەپمۇ قايغۇرالمايمەنغۇ-«بودەك»لەرنىڭ يۈرەك سۆزى

2. مېنى ئالداپ يەنە جىق نەرسە يە، دېمەكچىمۇ سىلەر!!!!

ئۆيدىكى «چىشى يولۋاس» ئەرگە يوقلىما ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، كەچ قايتسا 100 يۈەن جەرىمانە قويدى.

بىر ئايال مەلۇم بىر ئىنتىرنېت تورى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ھەمدە دائىم كەچكىچە ئىسمېنا قوشۇپ ۋاقتىدا ئۆيىگە كەلمەيدىغان يولدىشىنى «باشقۇرۇش» تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، ئۆيىگە «يوقلىما ئۈسكۈنىسى»نى ئورناتقان. بۇنىڭدا يولدىشىنىڭ سائەت 9 دىن بۇرۇن چوقۇم قايتىپ كېلىپ، كارتا سۈرتۈش دېيىلگەن. ئەگەر مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كەلسە، تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، بىراق يېرىم سائەت ئىچىدە كېچىكىپ قالسا يۈز يۈەن، يېرىم سائەتتىن يۇقىرى كېچىكىپ قالسا، ھەپتە ئاخىرىدا چوقۇم بىر كۈن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىكەن.

«ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ ئىنكاسلىرى:

1. بىرەيلەن ئۇرۇشقا چىدايدۇ، يەنە بىرەيلەن ئۇرۇشنى خالايدۇ، ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىشىڭىز كېرەك.

2. يولدىشى بولسىمۇ، جەرىمانە تۆلەيدىكەن ئەمەسمۇ، نېمىدىگەن بەختلىك!

يانفوندىن توختىماي «ھە، ھە، ھە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان ئەقىللىق ئايال ئىككىلەنمەستىنلا دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى.

يېقىندا، ۋاڭ خانىم يولدىشى لاۋ لىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، بىراق يانفوندىكى يولدىشىنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن بىنورمال ئىدى. ۋاڭ خانىم ئارقىدىنلا يولدىشىدىن سىز بىرەر تەھدىتكە يولۇقتىڭىزمۇ دەپ سورىغاندا، لاۋ لى كۈچەپ تۇرۇپ: «ھە، ھە، ھە» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ پەرزىنى جەزىملەشتۈرۈپ، دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، قەرز سۈيلىگۈچىلەرنىڭ قولى ئاستىدىن يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

«ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ ئىنكاسى:

1. نېمىدىگەن يامان، ئەگەردە مېنىڭ ئايالىم بولىدىغان بولسا، ئىششىڭنى قىلە ۋاي دېيىشتىن يانمايتتى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىز «زومىگەر لىدېر ھېكايىسى»گە مەپتۇن بولۇپ، ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئىشلەمچىلىك قىلغاچ، ئاق ئاتلىق شاھزادىسىنى كۈتمەكچى بولدى.

تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان تيەن تيەن ھەر كۈنى «زومىگەر لىدېر ھېكايىسى»دىكى ئايال باش پىرسوناژغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا تېخى بىر كىتاب چىققۇدەك ئۈزۈندە سۆزلىرىنى كۆچۈرگەن. يەنە تېخى ئاپىسىغا مېھىمانسارايغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلغاندا، ناھايىتى ئاسانلا زۇڭتۇڭ يۈرۈشلۈك ئۆيىدىكى لىدېرنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر: زىيادە كۆپتۈرۋرېتىلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «زومىگەر لىدېر ھېكايسى» ناھايىتى ئاسانلا ياشلىق مەزگىلىدىكى رايىش قىزلارنى خەتەرگە باشلاپ قويىدۇ.

«ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ ئىنكاسى:

1. ۋاقىتنىڭ ئەڭ رەھىمسىز يېرى شۇكى، ئۇ سىزگە ھەممىگە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىتىدۇ-يۇ، بىراق ھېچقانداق تولۇقلىما بەرمەيدۇ.

2. چىرايى ئادەتتىكىچىلەرنىڭ پۇرسىتى يوق، ھەممىسى چىرايغا قارايدۇ.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号