باش بەت

رازى

1574يوللانما
38مەستانە

ئاشنىسىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدىن نارازى بولغان ئەر ئۇنى يالىڭاچ سۈرەتكە تارتىپ تەھدىت سالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-05 22:10 0 ئىنكاس چۈشتى

جېڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

باسقۇنچىلىق قىلىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ھالدا قارشى تەرەپنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىنى تارتىپ، ئاشنىسىنى ئۆزى بىلەن يارىشىپ قېلىشقا مەجبۇرلىدى. يېقىندا گۈيجۇ ئۆلكىسى زۈنيى شەھىرى بوجۇۋ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى يۇقىرىقى دېلو ھەققىدە ئەرز سۇندى، سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ئېچىپ، ۋۇ كەيمىڭنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

ۋۇ كەيمىڭنىڭ ئايالى بار، ياڭ فامىلىلىك بولسا بويتاق ئىدى. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا ۋۇ كەيمىڭ بىلەن ياڭ فامىلىلىك ئىككىيلەن مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۆز-ئارا تونۇشتى، كېيىن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندى. 2016-يىلى 11-ئايدا ياڭ فامىلىلىك لو فامىلىلىك بىلەن مۇھەببەتلەشتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ياڭ فامىلىلىك ۋۇ كەيمىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ۋۇ كەيمىڭ بۇ ئىشقا قارشى تۇردى. ۋۇ كەيمىڭ ياڭ فامىلىلىكنى مەلۇم بىر چايخانىدا ئۇچرىشىپ ئىككىيلەننىڭ ئىشىنى مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى. چايخانىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋۇ كەيمىڭ ياڭ فامىلىلىكنى ئايرىمخانىغا ئەكىرىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، ياڭ فامىلىلىكنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياڭ فامىلىلىكنى ئۇردى، شۇنداقلا تېلېفونى بىلەن يەڭ فامىلىلىكنى يالىڭاچ سۈرەتكە ۋە ۋىدىئوغا تارتىۋالدى، ياڭ فامىلىلىك ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، ۋۇ كەيمىڭ بولدى قىلدى.

سوت مەھكىمىسى سوتلاش ئارقىلىق، ۋۇ كەيمىڭنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشىنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىغان. ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، شۇنداقلا دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ، يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号