باش بەت

ئادىلجان

6812يوللانما
70مەستانە

گېرمانىيەلىكلەر نەق پۇل ئىشلىتىشنى بەكرەك خالايدىكەن

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-06 15:08 0 ئىنكاس چۈشتى


شىنخۇا تورى 6-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

داڭلىق بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى ئىپسوس گۇرۇھى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «نەق پۇلسىز» چىقىم قىلىش دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە كۈنسايىن ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيەلىكلەر يەنىلا يېنىدا نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈشنى بەكرەك خالايدىكەن. 

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %90 گېرمانىيەلىك زىيارەت قىلىنغۇچى «ئاساسەن» ياكى «دائىم» يېنىدا نەق پۇل ئېلىپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە بۇ نسىبەت %79 ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا %84 گېرمانىيەلىك زىيارەت قىلىنغۇچى پۈتۈنلەي نەق پۇل ئىشلىتىلمەيدىغان تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ نەق پۇل ئېلىشتىشنى بەكرەك خالىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى گېرمانىيەلىكلەر پۇلنى بانكىغا قويغاندىن ئېلىپ يۈرگەن بىخەتەر دەپ قارايدىكەن. 

گوللاندىيە خەلقئارا بىۋاستە سېتىش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كارستېن بىرزېسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا بولغان ئىنتىلىش گېرمانىيەلىكلەرنى باشقا ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈشكە بەكرەك مايىل قىلغانىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号