باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

كەلگۈسىدە ئۈسكۈنىلەر سىمسىز سىگنالسىز ئۆز-ئارا ئالاقە قىلالىشى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-07 18:44 0 ئىنكاس چۈشتى

engadget تورىنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرلۈك ئۇششاق دېتاللىرىنىڭ توك سەرپىياتى بارغانسېرى تۆۋەن بولۇۋاتقان ۋاقىتتا، سىمسىز سىگنال يوللىغۇچنىڭ توك كۈچى ئېھتىياجى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ چىقماقتا، بولۇپمۇ IoT ئۈسكۈنىسىدە سىمسىز سىگنال يوللىغۇچ توك كۈچى ئېھتىياجى ئەڭ كۈچلۈك دېتال ھېسابلىنىدۇ. Disney Researchنىڭ ئالىملىرى قۇۋۋەت سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بىر خىل يېڭى ئۇسۇلنى تاپتى، يەنى ئۈسكۈنىلەر «ئەكسى يۆنىلىشتە نۇر چېچىش» تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتتىكى ئەسلىدىنلا مەۋجۇد بولغان تۈرلۈك ئېلېكتىر دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ قايتا قويۇپ بېرەلەيدىكەن. 

بۇ ئەمەلىيەتتە RFID بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما RFIDنىڭ ئىشلەتكىلى يەككە چاستوتا، Disney Researchنىڭ تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلگىنى بولسا بىرلا ۋاقىتتا FM، يانفون تورى، تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ خىل چاستوتا بولۇپ، چوڭ سىغىمدىكى ماتېرىياللارنى يوللاشقا بولغاندىن سىرت، كۆپ خىل قاناللار ئۆزئارا بىر-بىرىنى دەلىللەپ، قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسىنىڭ سىگنالنى شاۋقۇندىن ئايرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى، يوللاش ئارىلىقىنى 50 مېتىرغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. 

ئەلۋەتتە بۇ تېخنىكىدىمۇ يېتەرسىز تەرەپلەر بار، يەنى پەقەت سىمسىز خەۋەرلىشىش سىگنالى تويۇنغان مۇھىتتا ئاندىن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، شۇڭا سىمسىز سىگنال ئاجىز ئورۇنلار ياكى دالدىكى سىگنال مەنبەسى يېتەرلىك بولمىغان ئورۇنلاردا قوللىنىش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك. ئەمما شەھەر مۇھىتىدىكى Wi-Fi، سىملىق تېلېۋىزىيە، يانفون تورى بار ئۆيدە ناھايىتى چوڭ قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە. دېمەك IoT  ئۈسكۈنىسى بىر كىچىك قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىدىمۇ مەڭگۈ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号