باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

ماشىنىنىڭ ئەمەلىي سۈرئىتى زادى قانچىلىك؟

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-08 23:07 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

كۆپ قىسىم ماشىنا ئىگىلىرى ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپ قاتناش ساقچىسىغا تۇتۇلۇپ قالغان ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باققان. نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭلىدە «سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتمىسەم قاتناش ساقچىسى نېمە ئۈچۈن سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتتىڭ دەپ جەرىمانە قويىدۇ؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ قاتناش ساقچىسىنىڭ ئۈسكۈنىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، ماشىنىڭىزنىڭ كۆرسىتىش تاختىسىدىكى مەسىلىمۇ ئەمەس، سەۋەبنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ، سىز دەرۋەقە سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتتىڭىز!

ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىدا كۆرسىتىلگەن سۈرئەت ئۇچۇرى بىلەن سىز ھەيدىگەن ماشىنىنى ئەمەلىي سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ، نۇرغۇن شوپۇر دوستلار بۇ نۇقتىنى بىلمىگەچكە سۈرئەتنى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت 120km/hتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەمما نۇرغۇن شوپۇرلار ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىرىپ ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خىل قىلمىش ئىنتايىن خەتەرلىك!

بىز كۆرەلەيدىغان كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىدىكى سانلارغا تەقلىدىي سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىدا كۆرسىتىلگەن سۈرئەت ئۇچۇرى بىلەن ماشىنىنىڭ ئەمەلىي سۈرئىتى خېلى زور پەرقلىنىدۇ. مىسال كەلتۈرسەك، سىز 120km/hلىك سۈرئەتتە ماڭغان ۋاقىتتىكى سۈرئەت بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ 120km/hكە چۈشۈرگەن ۋاقىتتىكى سۈرئەت ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ. 

شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىنى 120km/hلىك سۈرئەتتە ھەيدىگەن ۋاقىتتا، كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى كۆرسەتكەن سۈرئەت ئۇچۇرى ماشىنىنىڭ ئەمەلىي سۈرئىتىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سۆز سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتتىم دەپ ئويلىسىڭىزمۇ، ساقچىنىڭ ئۈسكۈنىسىدە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي سۈرئەت بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. 

ئەمما كۆپ قىسىم شوپۇر سۈرئەت ئۆلچىگۈچ يوق، كامېرا ئورنىتىلغان يول بۆلىكىدە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەيدۇ ھەمدە سۈرئەت ئۆلچەش رايونىغا كىرگەندە سۈرئەتنى دەرھال تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىدىكى سۈرئەت ئۇچۇرى تېز سۈرئەتتە 120گە تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما ئەمەلىي سۈرئەتنىڭ تۆۋەنلىشى ناتايىن. 

بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شوپۇر دوستلارنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号