باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

40 كۈنلۈكمۇ بولمىغاندا تاشلىۋېتىلگەن قىز چوڭ بولغاندا باققان ئانىسىغا داچا سېلىپ بەردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-09 13:15 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 9-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ موماينىڭ ئىسمى خۇ شىڭجېن بولۇپ، بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن، بىرمۇ پەرزەنتلىك بولالمىغان، ئەنخۇينىڭ ئەنچىڭ شەھىرىدە تۇرىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇنداق چىرايلىق ئىككى قەۋەتلىك داچىدا تۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 

7 يىل ئىلگىرى ئۇ ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق بېقىۋالغان قىزىنى مەكتەپتە ئوقۇتقان. 1992-يىلىنىڭ بىر كۈنى ئۇ باشقىلاردىن تۇغۇلغىنىغا 40 كۈنمۇ بولمىغان بىر بوۋاقنىڭ 6 قېتىم تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايغا ئاپىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز قىزىغا ئوخشاش كۆڭۈل قويۇپ بېقىشقا باشلايدۇ.

بېقىۋالغان قىزى 4 ياشقا كىرگەندە خۇ شىڭجېننىڭ يولدىشى قازا قىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئانا-بالا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭغا قىزىنى باشقا جايغا ئاپىرىۋېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا ئۇ قەتئىي قوشۇلماي، قىزىنى بېقىپ چوڭ قىلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بىر خالتىنى كۆتۈرىۋېلىپ، كەنتتە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئەسكى-تۈسكى يىغىپ-سېتىش ئارقىلىق قىزىنى باقىدۇ.

خۇ شىڭجېن ئانا-بالا ھەتتا نامراتلىقتىن تۇز ۋە مايمۇ سېتىۋالالمايدۇ، بالىغا بېرىدىغان سۈت بولمىغانلىقتىن گۈرۈچنى ئېزىپ تاماق قىلىپ بېرىدۇ. قىزىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ خۇ شىڭجېن گۈرۈچ ئۇمىچى، قوناق ئۇمىچى قاتارلىقلارنى ئېتىدۇ، قىزى ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقىپ ياۋا كۆكتات تېرىپ كىرىدۇ.

قىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

خۇ شىڭجېن:«ھازىر يېشىم چوڭىيىپ، پۇت-قولۇمدا ماغدۇر قالماي يىراقلارغا بارالمايدىغان بولۇپ قالدىم، ئەسكى-تۈسكى يىغقۇدەكمۇ ھالىم قالمىدى» دەيدۇ.

قىزى ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن كۈيئوغلى ئىككەيلەن ئۇنىڭغا چىرايلىق ئۆيدىن بىرنى سېلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بېقىۋالغان قىزى ھازىر سودا قىلىدىغان بولۇپ، 3-2 كۈندە بىر قېتىم كېلىپ ئاپىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھمات6 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەنمۇ ئىنسابى بار قىزكەن ، بەختلىك بولۇڭ قىزچاق !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号