باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

قورسىقىغا 1300 گىرام زەھەر يوشۇرۇپ چېگرادىن كىرمەكچى بولغان ئەر تۇتۇلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-10 22:35 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گۇاڭجۇ تاموژنىسى 10-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېقىندا بەييۈن ئايرودرومى چېگرا ئېغىزىدا چەتئەللىك بىر ئەرنىڭ كوكائىننى تېنىگە يوشۇرۇپ، چېگرادىن كىرمەكچى بولۇش دېلوسىنى پاش قىلغانلىقى، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن كوكائىننىڭ 1300 گىرام كېلىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى دېلونىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى تاموژنا تارماقلىرى پاش قىلغان ئەڭ چوڭ بەدىنىگە زەھەر يوشۇرۇش دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، دېلو پاش قىلىنغان كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇاڭجۇ تاموژنىسى قارمىقىدىكى بەييۈن ئايرودرومى تاموژنىسى خىزمەتچى خادىملىرى ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتتىن چېگراغا كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى نازارەت قىلىۋاتقاندا، بەدىنى ۋىجىك، ئادەتتىكىچە كىيىنىۋالغان بىر ئەرنىڭ قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكى، تاموژنا خادىملىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا قاتتىق بىئارام بولۇپ، قولىنىڭ توختىماستىن تىترەۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئەمما تاموژنا خىزمەتچىلىرى تەپسىلىي تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ يېنىدا ئېلىپ ماڭغان يۈك-تاقىلار ئارىسىدىن ھېچقانداق گۇمانلىق نەرسە تاپالمىغان.

«بۇنچە جىددىيلەشكىنىگە قارىغاندا چوقۇم بىر سەۋەب بار.» تاموژنا خىزمەتچىلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشتىن ۋاز كەچمىگەن. بىر مەيدان پىسخىكا جېڭى قىلىش ئارقىلىق، ھېلىقى ئەر نەق مەيداندا ئۆزىنىڭ زەھەرلىك كۇمىلاچ يۇتۇۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. خادىملار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارىنىڭ قورسىقىدا بۆدۈنە تۇخۇمى چوڭلۇقىدىكى قاتتىق نەرسە بارلىقىنى بايقىغان، ئۇلار ئۆلچەش ئارقىلىق، بۇنىڭ 1300 گىرام كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رازۋېدكا قىلىنماقتا.

تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئېلىپ كىرىشنىڭ خەلقئارالىشىشى، گۇرۇھلىشىشى ھەم مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئالدىدا گۇاڭجۇ تاموژنىسى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق زەھەر توشۇشقا زەربە بېرىشىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پەقەت ئاۋىياتسىيە پورتىدا 14 قېتىم ئوغرىلىقچە زەھەر يۆتكەش دېلوسىنى پاش قىلىپ، كوكائىن، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملاردىن 35.94 كىلوگرامنى قولغا چۈشۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号