باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز ئايالنىڭ 5 ياشلىق ئوغلى 175 سانتىمېتىر كېلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-11 21:42 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 11-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ShweatlanaSinghنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.18 مېتىر، ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز ئايال، ئۇ ھىندىستانلىق، بالىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئىككى يېرىم يېشىدىلا 1.25 مېتىر ئۆسكەن، بەش ياشقا كىرگەندە 1.75 مېتىرغا يەتتى.

بۇ ShweatlanaSinghنىڭ بالىسى كالون، بۇ يىل 5 ياش، تۇغۇلغاندا 13 جىڭ تۇغۇلغان بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بوۋاق ئىدى.

كالوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسى ئېگىز، دادىسىمۇ 2 مېتىردىن ئېگىزرەك، بىر توپ بالىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا ئۇ «چوڭ ئادەم» بولۇپ قالىدۇ.

بويى ناھايىتى ئېگىز، لېكىن ئەقلىي قابىلىيىتى تەڭتۇشلىرى بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئادەمگە «دۆت»تەك تەسىر بېرىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەقىل بۆلۈنمىسى، ھېسسىي بۆلۈنمىسى ھەممىسى نورمال.

زىيادە ئېگىز بويى ئۇنى باشقا بالىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ قويدى، ئانىسى ئۇنىڭ ناھايىتى تەنھالىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

لېكىن كالون ۋاسكىتبولنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ھىندىستاندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号