باش بەت

تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

569يوللانما
1مەستانە

يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن ئىنسانلار دېلفىننىڭ گېپىنى چۈشىنەلەيدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-12 08:40 1 ئىنكاس چۈشتى


cnbeta تورى 11-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

AI تۈرتكە بولىۋاتقان ماشىنىلىق تىل تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلگەن، ئوخشاشمىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆپلىگەن تىل توسالغۇلىرىدىن قۇتۇلدۇردى. بىراق، بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىگىلا خىزمەت قىلمايدۇ. شىۋېتسىيەدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان تىل شىركىتى Gavagai AB بىلەن شىۋېتسىيە خان جەمەتى تېخنىك ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەمكارلىشىپ، قەرەلى تۆت يىللىق تەتقىقات تۈرىنى ئىشلىمەكتە، ئۇلارنىڭ نىشانى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ «دېلېفىنلارنىڭ تىل سانلىق مەلۇماتلىرى»نى توپلاش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى بۇ ئوماق جانلىقلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدىغان قىلىشتۇر.

دېلفىننىڭ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن باشقا ئىنسانلارنىڭ تىلىنى چۈشىنىش ئوتتۇرىسىدا ھېچقانچە پەرق يوق. تەتقىقاتتا دېيلىشىچە، دېلفىن بىلەن ئىنسانلارنىڭ تىل ئالاقە شەكلىنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ دېيىشكە بولمايدىكەن. كىشىلەرنىڭ تىلى يەككە سۆزلۈكتىن تەشكىل تاپىدۇ، مەنانىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان تەرتىپتە تىزىلىدۇ، لېكىن، دېلفىنلار ئارىسىدىكى ئالاقىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مۇشۇ خىل شەكىلدە. تىل بىلەن ئالاقىلاشقاندا دېلفىنلار ھەتتا جىم تۇرۇپ يەنە بىر دېلفىننىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ. بۇ سەۋبتىن، ئۇلارنىڭ دىيالوگىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋاز بىلەن مەنا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقىش لازىم، بۇ خۇددى مەلۇم بىر ئىنسانلار تىلىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشايدۇ.

دېيىلىشىچە، كەلگۈسىدە بۇ تېخنىكا تەتۈر يۆنىلىشلىك سىستېما يۇمشاق دېتالىغا ئىشلىتىلىدىكەن، ئىنسانلار ئۇچۇرنى مۇناسىپ ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ دېلفىنلار بىلەن ئالاقىلىشالايدىكەن. 2021-يىلى مەزكۇر تۈر ئاياغلاشقاندا، زادى قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ بۇنى يەنە كۆزىتىپ بېقىش كېرەك، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، دېلفىنلارنى مەشقلەندۈرۈش ۋە ئالاھىدە سۇ ئاستى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدۇرۇش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈزەل6 ئاي ئىلگىرى

    دىلپىن بەك ئوماق جانۋار دىلپن لارنڭ تىلىنى چۈشىنەل سەك بەك ياخشى بولاتتى زادى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号