باش بەت

ئادىلجان

6870يوللانما
70مەستانە

ياۋروپا ئىتتىپاقى Uberنى «تاكسى شىركىتى» دەپ بېكىتمەكچى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-12 17:22 0 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Uberنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىش جەريانىدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى تاكسى شىركەتلىرى بىلەن بولغان تالاش-تارتىشى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىققان، ئەمما ياۋروپا سوتىنىڭ بىر ئالىي دەرىجىلىك ئادۋۇكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Uber ئۆزى ئېيتقان پەن-تېخنىكا كارخانىسىغا ئوخشىماستىن، بەلكى ئىزچىل تۈردە كەسىپ تالىشىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان تىرانسپورت شىركىتىگە ئوخشايدىكەن. 

ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىدە Uber ھەرگىزمۇ ئاتالمىش ئۇچۇر جەمئىيىتى مۇلازىمىتى ئەمەس دەپ قارالدى. Uber شىركىتىنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئەپ لايىھەسى شوپۇرنىڭ يولۇچىنى قانداق ۋاقىتتا قانداق ئېلىپ مېڭىشىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە. 

پىكىردە: «Uber شوپۇر بىلەن يولۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى دەپ قارالسا بولمايدۇ» دېيىلدى. 

بۇ پىكىر بەلكىم Uber ئۇچرىغان يەنە بىر ئوڭۇشسىزلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى بۇ پىكىرنى قوللىسا، ئۇ ھالدا Uber كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەنە ياۋروپانىڭ ئاتالمىش «مەدىكار ئىگىلىك»ىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەدىكار ئىگىلىك خىزمەت مىقدارى كۆپ بولمىغان ئەركىن كەسىپكارلاردىن تەشكىل تاپقان ئىگىلىك ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ئىگىلىكتە كىشىلەر تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ توردا ئېھتىياجغا ئاساسەن خىزمەت قىلىدۇ. 

ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى مەسلىھەت بېرىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي سوتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. 

سوت مەھكىمىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدىكى ئادۋۇكات شەرھلىگەن قانۇنغا ئاساسەن، Uber ئىجازەتنامە ئالغاندا ئاندىن بارسېلونادا داۋاملىق تىجارەت قىلالىشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号