باش بەت

نۇر تورى ئېلان

50يوللانما
33مەستانە

ھەرمىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-15 16:16 0 ئىنكاس چۈشتى

ھەرمىللەت خەلقى ئانارنىڭ  دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى 

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك تېما.

شىنجاڭ قەدىمدىن بۇيان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق بۇ كەڭ زېمىندا ياشاپ، يۇرت-ماكانىنى ئورتاق قۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىل مابەينىدە ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئاچتى.

پارتىيە، ھۆكۈمەت تارىختىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى»، «شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق مۇھىم سۆزىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش نىشانى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتنىڭ ئۇلى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. <ئۈچ ئايرىلالماسلىق>، <بەشنى تونۇش>، <ئۈچ قوشۇن>، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىش>، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئۆزىدىن باشلاش>، <بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە شادلىنىش>، <ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دوستلۇق ئەمەلىيىتى>، <ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> ... مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئەمەلىيىتى ھەر كەسىپ، ھەر ساھە، ھەر قايسى ھالقىلارغىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئالاقىسى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۈگۈن چۈشتىن كىيىن شىركىتىمىز (شىنجاڭ ئەنقا ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى) بىلەن بىيەن رۇي مەھەللە كومتېتى بىرلىكتە <مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى  كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى> توغرىسىدا تەسىرات سۆزلەش ۋە ئىمزا قويۇش پائالىيتى ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا شىركىتىمىز قارمىقىدىكى شىنجاڭ يىپەك يولى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مالىروڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

 <ئالدى بىلەن بىيەن رۇي ئاھالىلەر كومتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يوڭ ھەر مىللەت خەلقى ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، باش شۇجى  شىجىنپىڭنىڭ «شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى» دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

شىنجاڭ ئەنقا ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانونى ۋەكىلى ئابدۇنەبىجان ئابدۇۋەلى «بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە شادلىنىش» توغرىسىدا كۆپچىككە سۆز قىلدى.

شىنجاڭ ئەنقا ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ  باش دېرىكتورى شىرئەلى ھىمىت ئىجدىمائىي مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنىچ، ئىتتىپاق بولغان ئىللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە كىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تۇنۇپ يىتىپ ھەر بىر كىشىنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىشىنى ھەمدە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

تۆۋەندە شىركىتىمىزنىڭ خادىملىرى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى توغرىسىدا ئۆز تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا!

تۆۋەندە كۆپچىلىك ئىمزا قويۇش ئېلىپ بارماقتا 

تۆۋەندە كۆپچىلىك دۆلەت بايرىقى ۋە پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قەسەم بەرمەكتە

تۆۋەندە يىغىندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号